تۈركىيە، خىتاي ۋە ياپونىيە مۇناسىۋەت تارىخى يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مۇھىم تېما بولدى

تۈركىيە، خىتاي ۋە ياپونىيە مۇناسىۋەت تارىخىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى 24-سېنتەبىر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

بېنگۇ تۈرك تورىنىڭ 24-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن توكيو ئۇنۋېرسىتىتى ئىلغار پەن-تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى ئىستانبۇلدا «ئىمپېرىيەدىن كېيىنكى ياۋروئاسىيا: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى خىتاي، تۈرك دۇنياسى ۋە ياپونىيە» تېمىسىدا مۇزاكىرە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان.

مۇزاكىرە يىغىنىدا ئالدى بىلەن تۈركىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى خەلقئارالىق كېلىشىم مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىنغا ياپونىيەنىڭ بىر نەچچە ئاكادېمىكلىرى سۆز قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ قاتارىدا كاۋاشىما ئەپەندى «بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتى ۋە ياپونىيە» ناملىق ماقالىسىدە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە توختالغان.

ئۇ تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ 1934-يىلى تۇنجى قېتىم كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ كېلىشىمنىڭ 1925-يىلى بىريۇسسېلدا تۈزۈلگەنلىكىنى، كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى خىتاينىڭ «ئۆزئارا باراۋەرلىك» پىرىنسىپىنى ساقلاپ قېلىش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كاۋاشىما ماقالىسىدە يەنە تۈركىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئافغانىستان ۋە ئىراندىن تەركىب تاپقان، كېيىنچە خىتاي ۋە ياپونىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن «ئاسىيا ئىتتىپاقى»نىڭ قۇرۇلالمىغانلىقىنى، چۈنكى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى، ئۆز ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مىلىتارسىت ياڭنىڭ بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىنى خالىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كاۋاشىما ئەپەندى يەنە: «دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدە تۈركىيە مانجۇرىيە ۋەقەسىدە خىتاينى ياپونىيەگە قارشى قوللىدى، خەلقئارادا قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن ياپونىيە 1933-يىلى بىرلەشمىدىن ئايرىلدى» دېگەن.

خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىس كۇماكۇرا «90 يىللىق خاتىرە كۈنىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتىنى ئەسلەش» تېمىسىدا سۆزلىگەن. كوماكۇرا ئەپەندى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىسقا مۇددەت ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ: «بۇ دۆلەت 1934-يىلى ئەتىيازدا خەلقئارالىق قوللاشقا ئېرىشەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك مۇنقەرز بولدى» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2380 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2023 23:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق