شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كېڭەيتىلگەن يىغىنى مۇتەخەسسلەر گۇرۇپپىسىنىڭخخ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى ئاي ئاخىرىدا باشلىنىدىغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىشنى پىلانلىغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 24-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمەلىي ھەربىي مانېۋىرى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا روسىيەنىڭ شەرقىي ھەربىي رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ مانېۋىرغا خىتاي ئارمىيەسى ئەسكەر ئەۋەتمەكچى بولغان. بۇ مانېۋىر دۆلەت ھالقىغان ئارىلاشما گۇرۇپپا شەكلىدە تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەش ۋە تېرورلۇققا قارشى ھەرىكەت قىلىش مەشىقى قىلىنىدىكەن.
خىتاي تەرەپ بۇ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىش مېخانىزمى بىلەن بىرلىكتە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاكتىپ كونكرېت تەدبىر ئىكەنلىكىنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىقتىدارنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىش پىلانى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىردىنبىر رەسمىي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى ئىكەن. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئون دۆلەتتىن باشقا، ياپونىيە، ئامېرىكا، خىتاي قاتارلىق سەككىز دۆلەتمۇ بۇ رامكىغا قاتنىشىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋىيېتنام پايتەختى خانويدا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ياكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئون دۆلەت شۇنداقلا خىتاي، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋىستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ھىندىستان، روسىيە ۋە كورېيە ۋەكىللىرى قاتناشقان. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىن مېخانىزمىنىڭ تۇنجى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى 2013-يىلى 10-سېنتەبىر ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ