خىتاي ئوتتۇرا شەرققە كۆز تىكىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە

خىتاي ئوتتۇرا شەرققە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن سۇرىيەگە قاراتقان جازانى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 23-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ەۋشى جىنپىڭ جۈمە كۈنى سۇرىيە پىرزېدىنتى بەششار ئەسەد بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزىدە، غەربنى سۇرىيەگە قارىتىلغان جازانى بىكار قىلىشقا چاقىرغان. شى جىنپىڭ ئۇزۇندىن بۇيان چەتكە قېقىلغان سۇرىيە رېجىمى بەششار ئەسەد بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ۋەيران بولغان سۇرىيەنى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە خىتاينىڭ ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان ئوتتۇرا شەرقتە ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىدا: «خىتاي سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان تاشقى كۈچلەرگە قارشى تۇرىدۇ ھەمدە بارلىق ئالاقىدار دۆلەتلەرنى سۇرىيەگە يۈرگۈزگەن قانۇنسىز بىر تەرەپلىمە جازانى بىكار قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ» دېگەن.

 شى جىنپىڭ كۆرۈشۈشتە بەششار ئەسەدكە يەنە: «خىتاي نورمال مۇناسىۋەتنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ئارقىلىق سۇرىيەنىڭ ۋەيران بولغان ئىقتىسادىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا، ئىچكى مالىمانچىلىقنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ» دېگەن.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ قوللىشى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى خەلقئارادا چەتكە قېقىلغان ھالەتتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئىكەن. چۈنكى سۇرىيە 2022-يىلى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىغا قاتناشقان. ئەسەد ھاكىمىيىتى بۇ يىل 5-ئايدا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىش تەكلىپىنى بەرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دىپلوماتىيەسىدىكى ئاتالمىش «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق» ھەربىي ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا، بۇ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ قويۇق ماسلىشىشنى كۆرسىتىدىكەن. سۇرىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە سانائىتى چەتئەل مەبلىغىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ، يېقىندا دۆلەتنىڭ ئېغىر ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى سەۋەبلىك سۇرىيەنىڭ جەنۇبىدا نامايىش قىلغان خەلق بەششار ئەسەدنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان.

تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سۇرىيىگە قايتىپ كېلەلىشىدىن گۇمانلىنىدىكەن. چۈنكى خىتاي شىركەتلىرى 2020-يىلى ئامېرىكا تەرىپىدىن تەستىقلانغان جازانىڭ خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ قانۇن ئارقىلىق سۇرىيە بىلەن سودا قىلغان ھەر قانداق شىركەت ۋە شەخسنىڭ مال-مۈلكىنىڭ توڭلىتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى سۇرىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئويلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2207 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2023 23:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق