شەرقىي تۈركسىتان خەلقى خىتايچە ئۇسۇلدا ياشاشقا مەجبۇرلانماقتا

شەرقىي تۈركسىتان خەلقى خىتايچە ئۇسۇلدا ياشاشقا مەجبۇرلانماقتا
4-ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايچە تاماق يېيىش، خىتايچە تەپەككۇر بىلەن ياشاش ھەققىدە قىلغان تەشۋىقاتلىرى تارقالغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوچۈن ئاز دېگەندە ئۈچ مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا قاماپ، ئۇلارنى دىنىدىن، مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقان، قارشىلىق قىلغان ياكى ۋاز كەچمىلەنلەرگە ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان بىر پەيتتە لاگېر سىرتىدا قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىتايچە ئۇسۇلدا ياشاش، خىتايچە تەپەككۇر قىلىش، خىتاينىڭ مەھسۇلاتىنىلا ئىستېمال قىلىشنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغانلىقى ئاشكارا بولدى.
تەشۋىقات ۋاراقچىىسدا مۇنۇلار تەشۋىق قىلىنغان: «ھەر كىمنىڭ تامام قاچىسى ئۆزىنىڭ قولىدا بولىدۇ. قولىڭىزدىكى قاچىدا ھەرقاچان جۇڭگونىڭ ئاشلىقى بار. شۇڭا ھەر ۋاقىت بۇ 12 سۆزنى ئېسىڭىزدا چىقىرىپ قالماڭ:1. جۇڭگوچە سۆزلىشىڭ، 2 جۇڭگوچە غىزالىنىڭ، 3 جۇڭگو كىيىملىرىنى كىيىڭ، 4 جۇڭگو بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىڭ، 5 جۇڭگودا ساياھەت قىلىڭ، 6 جۇڭگوچە بايراق ئۆتكۈزۈڭ، 7 جۇڭگو ماللىرىنى سېتىۋېلىڭ، 8 جۇڭگوچە تەپەككۇر قىلىڭ، 9 جۇڭگودا خاتىرجەم ياشاڭ، 10 جۇڭگونىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، 11 جۇڭگونىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئەمەل قىلىڭ، 12 ھەقىقىي جۇڭگولۇق بولۇڭ. بارلىق دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاشنى ئۇنتۇماڭ، ھەممىمىز جۇڭگولۇق.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ فاشىستلىق ئەپتى-بەشرىسىنى ئاشكارىلاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۇنيا قاراشلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيا قاراش، ياشاش ئۇسۇلىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مەجبۇرلاپ تېڭىشقا باشلىغانلىقى بولسا، خىتاي رەئىسى شىنىڭ ئالدىنقى ئەسىردە سېسىق نامى پۇر كەتكەن ماۋ ئۇسۇلى بويىچە باشقا مىللەت ۋە باشقا دۆلەت مەھسۇلاتلىرىنى چەتكە قېقىپ، خەلقنى ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىشى بېكىنمىچىلىككە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ بىر بېشارىتى دېيىشمەكتە.

 

بۇ خەۋەر 1659 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2019 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق