ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا يېڭىدىن دىپلوماتىك تالاش-تارتىش قوزغالدى
خىتاينىڭ ھىندىستانلىق ئۈچ ئايال تەنھەرىكەتچىنىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى چەكلىشى سەۋەبلىك، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى دىپلوماتىك تالاش-تارتىش قايتا قوزغالدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 23-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈۋاتقان ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىملاتقان ئۈچ نەپەر ھىندىستانلىق چامباشچىلىق ماھارىتى تەنھەرىكەتچىسىنى خىتايغا كىرىشىنى رەت قىلغان. بۇ ۋەقە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۈچ تەنھەرىكەتچى ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش ئۆلكىسىدىن (جەنۇبىي تىبەت دەپ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، بۇ رايون ھىمالايا تېغىنىڭ شىمالىغا تۇتىشىدىكەن. خىتاي ئۇزۇندىن بېرى بۇ يەرنى خىتاينىڭ زېمىنى دەپ دەۋا قىلىپ، ھىندىستاننىڭ زېمىن تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلگەن.گەرچە خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەشكىللەش كومىتېتى ئۈچ ئايال تەنھەرىكەتچىنىڭ خىتايغا كىرىش ۋىزىسىنى تەستىقلىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ تەنھەرىكەتچىلەر تەستىقلانغان تىزىملاش كارتىسىنى توردىن چۈشۈرەلمىگەن.
«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان چامباشچىلىق ماھارىتى ئەترىتىنىڭ ئون تەنھەرىكەتچىسى مەشقاۋۇلىنىڭ باشچىلىقىدا 20-سېنتەبىر يېڭى دېھلىدىن خاڭجۇغا قاراپ يولغا چىققان. ئەمما بۇلار ئىچىدىكى ئۈچ تەنھەرىكەتچى خىتاي تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان.
ھىندىستان خىتاينىڭ ھىندىستان تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا قەستەن توسقۇنلۇق قىلىشىغا قارىتا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «خىتاينىڭ ھەرىكىتى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ روھىغا ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرىنى ئېنىق كەمسىتكەنلىك بولىدۇ» دېگەن.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئارىندام باغچى خىتاينىڭ قارارىنى ئەيىبلەپ: «ھىندىستان خىتاينىڭ ھىندىستان پۇقرالىرىغا ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق يۇرتى ۋە مىللىتىگە ئاساسەن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېگەن.
ئارىندام باغچى ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىغا : «ئارۇناچال پرادېش ھىندىستان زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئۇ مەڭگۈ شۇنداق بولىدۇ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ» دېگەن.
گەرچە خىتاي ھىندىستاننىڭ بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەش باياناتىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «خىتاي ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەرنى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ھەققىدىكى قانۇنىي ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، خاڭجۇغا كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. خىتاي تەرەپ ئارۇناچال پرادېشنى ئەزەلدىن ھىندىستاننىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغىنى يوق. تىبەتنىڭ جەنۇبى خىتاي زېمىنىنىڭ بىر قىسىمى» دەپ جار سالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ