ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتتىن ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانۇنلارنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ھەپتە ئامېرىكىدىكى بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» (UHRPA) ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) دىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا چاقىرغان. پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنى بۇ قانۇنلار بويىچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شەخس ۋە ئورۇنلارغا قارىتىلغان جازانى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

19-سېنتەبىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر  ئىمزالىغان مەكتۇپتا، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى چەكلەش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، سابىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سەككىز شەخس ۋە ئورۇنغا جازا يۈرگۈزگەنلىكى، كېيىن بايدېن ھۆكۈمىتىمۇ بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان تۆت خىتاي ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكى بايان قىلىنغان.

مايك گاللاگېر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ۋە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى كاتىپى ئالېجاندرو مايوركاس قا يازغان مەكتۇپىدا، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» (UHRPA) نىڭ مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق تەدبىرىنى يولغا قويمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىدا مەسئۇلىيىتى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ھېچقانداق جازا يۈرگۈزمىگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇ مەكتۇپىدا يەنە: «خىتاي ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تارتىشى كېرەك. ئامېرىكا چوقۇم خىتاي كومپارتىيەسىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك» دېگەن.

ئۇ مەكتۇپىدا يەنە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» جازاسىنى يولغا قويۇشنى كېچىكتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا مۇراجىئەت قىلىپ: «ئەگەر مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن جازالاشنى يولغا قويۇشنى كېچىكتۈرمەكچى بولغان ئەھۋال ھەقىقەتەن راست بولسا، بۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشلىرىغا مەسئۇل دۈشمەن، دىكتاتور خىتايغا مايىل بولۇپ، ھېچنەرسىنى كۆرمەس بولىۋالغانلىقىدۇر. بىز يۈزەكى مەنپەئەتنى دەپ، ئەخلاقىي يېتەكچىلىك كۈچىمىزنى قۇربان قىلىپ، خىتاي بىلەن بىر تەرەپلىمە مۇناسىۋەت قۇرماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن.

مايك گاللاگېرنىڭ مەكتۇپى مەسىلىسىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا قىلغان سۆزىدە، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرى سادىر قىلغان ۋەھشىيلىك، قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «ھۆكۈمەت خىتاينىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى داۋام قىلشتىن باشقا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى نىشانلىق باستۇرۇش قىلمىشىغا قارشى ھەر خىل ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ كەلدى ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3480 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2023 17:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق