ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىىدا قورقۇپ كېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 15-سېنتەبىر بىريۇسسېلنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل تولۇقلىمىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ سودا مۇناسىۋىتىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىنىڭ خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى جار سالغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ئالدىنقى چارشەنبە خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل تولۇقلىما ھەرىكىتىگە قارشى تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ. خىتاينى غايەت زور دۆلەت تولۇقلىمىسى ئارقىلىق ئاپتوموبىل باھاسىنى سۈنئىي تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەنىدى.
تەكشۈرۈشتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە تۆۋەن باھادا سېتىلىدىغان ئاپتوموبىللارغا تاموژنا بېجى جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن بولۇپ،
ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېننىڭ سۆزىدىن كېيىنلا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ تەدبىرلەرنىڭ خىتاي-ياۋروپا ئىقتىسادى-سودا مۇناسىۋىتىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى جار سالغانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەكشۈرۈشى قارارى ئىتتىپاققا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، گېرمانىيە ۋە فرانسىيە بىرىنچى بولۇپ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فرانسىيە مالىيە مىنىستىرى برۇنو لې مايىر جۈمە كۈنى كەچتە بىلۇمبېرگ تېلېۋىزىيە قانىلىغا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ تەھدىتلىرىدىن قورقماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ھېچقانداق دۆلەتتىن قورقماسلىقىمىز كېرەك، بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىز ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي قىتئەنىڭ بىرى» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ