ئۈچ دۆلەتنىڭ يادرو سىناق نۇقتىلىرىنى كېڭەيتكەنلىكى دىققەت قوزغىدى

خىتاي، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئۈچ دۆلەت يېقىندىن بىرى يادرو سىناق نۇقتىلىرىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

CNN تورى 22-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يادرو سىناق نۇقتىلىرىنى كېڭەيتكەنلىكى ۋە يېڭى ئەسلىھەلەرنى قۇرغانلىقىنى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلغان بولۇپ،  CNN ئېرىشكەن رەسىملەردە يادرو سىناق نۇقتىلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈدىغان يېڭى تونېللار، يول ۋە زاپاس ساقلاش ئەسلىھەلىرى كۆرسىتىلگەن.

بۇ ھالەت بىر قانچە يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپەيگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، گەرچە بۇ دۆلەتلەرنىڭ پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يادرو سىنىقىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت بولمىسىمۇ، تەھلىلچىلەر بۇ كېڭەيتىشنىڭ يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش رىقابىتىنى قوزغىشى مۇمكىن دەپ قارىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئۆزگىرىش بۇ ئۈچ چوڭ يادرو دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ يوقالغان مەزگىلىدە يۈز بەرگەن.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇپ: بۇ خىل ئۆزگىرىش ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان قورال رىقابىتىنى تېزلىتىدىكەن.

سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە يەنە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تەسس قىلغان لوپنۇر يادرو سىناق مەيدانى ۋە ئامېرىكىنىڭ نېۋادا يادرو سىناق مەيدانىدىكى پائالىيەتنىڭ كۈچەيگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3074 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2023 17:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق