15-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 6-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى 30 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، 23-سېنتەبىر ئىستانبۇلدا رەسمىي باشلاندى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ھەريىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان مەزكۇر يىغىن 23-سېنتەبىر ئەتىگەن ئىستانبۇلدا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە رەئىسلىرى ۋە ۋەكىللىرى، پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئۆلىمالار، زىيالىيلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن رەسمىي باشلاندى.
يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى، ئارقىدىن ئىككى دۆلەت ئىستىقلال مارشلىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن داۋام قىلدى.
ئۇ سۆزىدە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر، دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ژۇرنالىستلارغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، بۇ يىل 15-يىلىغا قەدەم قويغان دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى ۋە ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىق روھىنى قۇرۇپ چىقىش، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش مەقسىتىدە باشلىغان قەدەملىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك غەلىبىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە تەشكىلىي نۇقتىدىن تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە توختالدى ۋە بۇ ئۈچ كۈن جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەكىللىك شەخسلىرى ۋە سەرخىللىرى بىلەن، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قوللاپ كېلىۋاتقان سىياسەتچىلەر، ئاكادېمىكلار، ئالىملار ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە خىتاينىڭ خەلقئارا سىستېمىدىكى تەسىرى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە رېئال ھەل قىلىش چارىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئانالىزى، سىياسىي ئىمكانىيەتلەر ۋە مۇھاجىرەت جەمئىيىتىنىڭ قوغدىلىشى ھەققىدىكى جىددىي مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق، ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىم قويۇلدى.
فىلىمدىن كېيىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇجادىلىنىڭ ماھىيىتى، كونكرېت سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئارقىدىن ياۋروپا ئىسلام كېڭىشى رەئىسى ھەيسەم ھەدداد، قاتار ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇھەممەد ئەيياش قۇبەيسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئىيى پارتىيەسى رەئىس ۋەكىلى دوكتور ئاييۈجە تۈركەش تاش خانىم، كانادا شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيەسى رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم، ھەسەنە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى رەئىسى خېلىل ئايدىن، نۆۋەتتە فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىل خانىم، جامائەت چوڭلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىن، شىمالىي ماكېدونىيە ئىسلام دىنىي بىرلىكى باش كاتىپى ئىرسال ياقۇبى، سېربىيە ئىسلام جەمئىيىتى تەلىم-تەربىيە مۇدىرى باجازىد نىجەۋىچ، سائادەت پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى مۇستافا كايا، ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى قۇرغۇچى رەئىسى مەھمەت گۈنەي، كۇۋەيت پارلامېنت ئەزاسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى دوكتور مۇھەممەد ھايف ئەلمۇتەيرى، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەب تاييىب ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىلىرىدىن ئەھمەت سەلىم ۋە ئايخان ئوغان ئەپەندىلەر ئارقا-ئارقىدىن سۆزگە چىقتى ۋە ئالدى بىلەن پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ سالامىنى يىغىن ئەھلىگە يەتكۈزدى ۋە بۇ مۇقەددەس دەۋانى ھەرگىز يالغۇز قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئەردوغاننىڭ: «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھۆرمەت قىلىمىز» دېگەن سۆزىنىڭ ئەسلا شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەيلى تارىخ جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسۇن، ھېچقاچان خىتاي زېمىنىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ باقىمغانلىقىنى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئارقىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پىروفېسسور دوكتور جالال ئەرباي، دوكتور ياسىن ئاقتاي ئەپەندىلەر، يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى دوغان بەكىن، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىجى، تۈركىيە مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى نەزىف يىلماز قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆزگە چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كىچىكلىكتىن چوڭلۇققا، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بارلىق توسقۇنلۇقلىرىغا قارىماي يەنە نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەرنىڭ تۇغۇلۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھەم تۈرك دۇنياسىنىڭ، ھەم ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەسىلىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى. شۇنداقلا ئۈچ كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا بۇ تېمىلاردا ئايرىم ئايرىم مۇزاكىرىلەر بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.
قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى 25-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر