ئۇيغۇر ئالىمە راھىلە داۋۇتنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا «دىيالوگ فوندى»نىڭ 21-سېنتەبىر ئاشكارىلىشىچە، ئۇزۇندىن بۇيان تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر فولكلورشۇناس، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ پىروفېسسورى، دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن.

كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى «دىيالوگ فوندى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ ئۇچۇرنى خىتاينىڭ بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدىن ئىگىلىگەن بولۇپ، مەزكۇر خىتاي ئەمەلدارنىڭ دەلىللىشىچە، دوكتور راھىلە داۋۇت تۇتقۇن قىلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن، 2018-يىلى 12-ئايدا «بۆلگۈنچىلىك»، يەنى «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان كەلتۈرۈش» جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىكەن. راھىلە داۋۇت بۇ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەرزى رەت قىلىنغان.

«دىيالوگ فوندى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پىروفېسسور راھىلە داۋۇت مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە سىياسىي ھوقۇقىدىنمۇ ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىنغان.

دوكتور راھىلە داۋۇت ئۇيغۇر فولكلورى ۋە مازار تەتقىقاتى ساھەسىدە خەلقئارالىق شان-شەرەپكە ئىگە بولغان ئۇيغۇر ئالىمى ئىدى. ئۇ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغاندىن بۇيان، خىتاي رېجىمى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەي كەلگەنىدى.

«دىيالوگ فوندى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى پىروفېسسور راھىلە داۋۇتقا ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىتاي رېجىمى ئورگىنىدىكى ئىشەنچلىك مەنبەنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

«دىيالوگ فوندى»نىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى جون كام دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنى «بۇ مىسلىسىز پاجىئە، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئىلىم-پەن ئەركىنلىكىنى قەدىرلەيدىغان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش» دېگەن.

دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى بۇ ئەڭ يېڭى ئۇچۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئىرفان ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 9230 قېتىم كۆرۈلدى
22/09/2023 13:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق