خىتايلار ياپونىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى پاراكەندە قىلغان بولۇپ، ياپونىيە باش ئەلچىخانىسى 400 مىڭدىن ئارتۇق پاراكەندىچىلىك تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان.
خەلقئارا خەۋەرلەر تورىنىڭ 21-سېنتەبىر ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ يادرو سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان، ياپونىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 400 مىڭدىن ئارتۇق پاراكەندىچىلىك سېلىش مەقسىتىدىكى تېلېفونلارنى تاپشۇرۇۋالغان.
ياپونىيە كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەر 19-سېنتەبىر توكيو ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى فۇكۇشىما دەيچى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش ۋەقەسىدىن بۇيان، ياپونىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى خىتاي ئىچىدىن كەلگەن پاراكەندىچىلىك تېلېفونلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، قىسقا ۋاقىتتا پاراكەندىچىلىك سېلىش تېلېفونىنىڭ ئومۇمىي سانى 400 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئالاقىدار مەنبەلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پاراكەندىچىلىك يۇقىرى پەللىگە چىققاندا، پاراكەندىچىلىك سالىدىغان تېلېفون كۈنىگە 40 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا پاراكەندىچىلىك سالىدىغان تېلېفونلارنىڭ سانى ئازىيىشقا باشلغان بولسىمۇ ئەمما يەنىلا يۇقىرى ھالەتنى ساقلىغان بولۇپ، كۈنىگە 10 مىڭ ئەتراپىدا پاراكەندىچىلىك تېلېفونى كەلگەن. بىرلا قېتىمدا 30 تېلېفوننى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئەلچىخانا نۆۋەتتە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىدىن نورمال سودىغا توسقۇنلۇق قىلدى دېگەن ئاساستا بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەھۋالدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، پاراكەندىچىلىك سالىدىغان تېلېفونلارنىڭ كۆپىنچىسى ياپونىيەنى تىللايدىغان، تەھدىت سالىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتكەن بولۇپ، باش ئەلچىخانا پاراكەندە قىلغان يانفۇن نومۇرلىرىنى خاتىرىلەپ، ئۇلارنى خىتاي ج خ تارماقلىرىغا دوكلات قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ