سۇرىيە رەئىسى بەششار ئەسەد ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 21-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سۇرىيە رەئىسى بەششار ئەسەد 21-سېنتەبىر خىتاي ئاۋىئاتسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ خىتاي زىيارىتىنى باشلغان بولۇپ، بۇ زىيارەت ئۇنىڭ 2004-يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى بولۇپ، غەربنىڭ جازاسى سەۋەپلىك ئون يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان دىپلوماتىك ئېمبارگونى ئاخىرلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بەششار ئەسەد ئون نەچچە چەتئەل ئەمەلدارلىرى بىلەن خىتاينىڭ خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن.
بەششار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مۇھاجىرلار مىنىستىرى، ئىقتىساد ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن تەركىب تاپقان سۇرىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بارغان بولۇپ، بىر قاتار كۆرۈشۈشلەردە بولىدىكەن.
خىتاي تاشقى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بەششارنىڭ خىتاي-سۇرىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، بۇ ئۇنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن بۇيانقى ئىككىنچى قېتىم خىتاينى زىيارىتى قىلىشى ئىكەنلىكى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەششار ئەسەدنىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن قاتنىشىشى سۇرىيەنىڭ دۇنيا سەھنىسىگە ئاستا-ئاستا قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن سەھنە ھازىرلايدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى سۇرىيە 2022-يىلى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ ، بىر يول» تەشەببۇسىغا قاتناشقان ۋە بۇ يىل مايدا 22 دۆلەت ئەزا بولغان ئەرەب بىرلەشمىسى يىغىنىغا قاتناشقان. بەششار ئەسەد ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرغانلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، خىتاي سۇرىيەنىڭ باشقا ئاساسلىق ئىتتىپاقداشلىرى رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن بىرلىكتە، بەششار ئەسەد بىلەن بولغان نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن ۋە ب د ت دا ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى قارارلارنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سەككىز قېتىم رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەن. خىتاي دائىرىلىرى يەنە سۇرىيەنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرى بىلەن يېقىندىن مەخپى ھەمكارلىشىپ قوراللىق قىسىم ئورۇنلاشتۇرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ