كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ بىشكەكتە تەرەققىي قىلىشى ئەندىشە پەيدا قىلدى

خىتاي رېجىمى يىللاردىن بۇيان تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك، مېڭە يۇيۇش سىياسىتىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ۋە يامان غەرىزىنى نىقابلاش ئۈچۈن دۇنياغا يامرىغان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى بىر قىسىم غەرب ئەللىرى ۋە ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ قىرغىزىستاندا تەرەققىي قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 22-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قىسمەن قىرغىز ئوقۇتقۇچىلار خىتايغا تامامەن مايىل بولۇپ كەتكەن بولۇپ، بىشكەك دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ قىرغىزىستان تەرەپ مۇدىرى گۈلزات ئىسماتوۋا مۇخبىرغا: «خىتاي قولغا كەلتۈرگەن بىر قاتار تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، خىتاي تىل-يېزىقى ئۆگىنىش قىرغىزىستاندىكى ياش ئەۋلادلارغا دۇنياغا تۇتىشىدىغان دەرۋازىنى ئېچىپ بېرەلەيدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بىشكەك دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە ئوقۇتۇش ۋە كۈندىلىك باشقۇرۇش تۈزۈملىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. ئىككى تەرەپ خىتاي تىل-يېزىقى ئوقۇتۇشى ۋە خىتاي- قىرغىزىستان مائارىپ-مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلاشقان.

خىتاي قىرغىزىستاندا خىتاي مەدەنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بىشكەكتە كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىشكەك دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتى يىغىن، لېكسىيە، بايرام تەبرىكلەش مۇراسىمى، ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى، سۈرەت كۆرگەزمىسى، خىتاي تىلى كۆۋرۈكى مۇسابىقىسى قاتارلىق 500 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەن. بۇ پائالىيەتلەرگە نەچچە ئون مىڭ ئادەم قېتىم قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2008-يىلى 15-ئىيۇن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» بىشكەك دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قىرغىزىستاندا تۇنجى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى قۇرغان. بۇ 15 يىلدىن بۇيان خىتاي رېجىمى قىرغىز خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچەۋاتقان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بىشكەك دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىدا توققۇز كۇڭزى دەرسخانىسى، ئون ئوقۇتۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان. خىتاي تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىدىغان قىرغىز ئوقۇغۇچىلار 4000 دىن ئاشقان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ خەلقئارادا بولۇپمۇ رايوندا كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، كۇڭزى ئىنستىتۇتى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك يولىنى ئاچىدىغان تەشۋىقات ۋە تەلىم-تەربىيە ئۇۋىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىغا سوقۇپ كىرگۈزگەنلىكىنى، كوممۇنىستلار خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا قىسمەن خەلقنى ئىشەندۈرگەنلىكىنى، ئارقىدىن شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋالغانلىقىنى، قىرغىزىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2687 قېتىم كۆرۈلدى
22/09/2023 13:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق