گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى چەكلەشنى پىلانلىدى

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن 2026-يىلدىن باشلاپ، خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان G5 تورى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلەشنى پىلانلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 20-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 2026-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، خىتاي ئىشلەپچىقارغان زاپچاسلارنى «يادرولۇق تور»دىن چىقىرىپ تاشلاشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ چەكلىمە ئاللىبۇرۇن ئورنىتىلغان زاپچاسلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يولغا قويماقچى بولغان بۇ تۈر چوقۇم گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىچىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى كېرەك بولۇپ، گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ پىلان مەسىلىسىدە مىنىستىرلار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار ئىكەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن ھۆكۈمەت تەكلىپلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى گېرمانىيە ئەمدىلا يولغا قويغان «خىتاي ئىستراتېگىيەسى»دە خىتايدىن كېلىۋاتقان خەتەرنى ئازايتىش كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بۇ تېلېفون تورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىدە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قاراتقان يېڭى ئىستراتېگىيەسى بويىچە ئىش قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پىلانىدا G5 كۆچمە تورى گېرمانىيەنى ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ چىقىدىغان «ئاچقۇچلۇق ھالقا» دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئاخبارات ئورۇنلىرى گېرمانىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تىجارەتچىلەردىن 2026-يىلغىچە G5 يادرولۇق تورىدىكى خىتاي تەمىنلىگەن بارلىق مۇھىم زاپچاسلارنى باسقۇچلۇق ھالدا ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. تىجارەتچىلەر يەنە 2026-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە خىتاي زاپچاسلىرىنىڭ سىمسىز تېلېگراف تورى ۋە يەتكۈزۈش تورىدىكى نىسبىتىنى %25 تىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چارشەنبە كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھۆكۈمەتنىڭ تېلېگراف سىستېمىسىنى تەكشۈرۈشىنىڭ تېخى تاماملانمىغانلىقىنى، بۇ قارارغا قاتناشقان باشقا تارماقلار بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېلان قىلىنغان دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيە تېلېگراف ۋە Vodafone نىڭ يادرولۇق تورى ئاللىبۇرۇن خۇاۋېي بىلەن جۇڭشىڭ زاپچاسلىرىنى ئىشلەتمىگەن. ئىسپانىيە تېلېگرافى پىلان بويىچە 2025-يىلىغا بارغاندا بۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلاشقان. شۇڭلاشقا گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ چەكلىمە 2026-يىلى بېكىتىلىدۇ، دەپ قارىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2842 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2023 14:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق