خىتاي سانجىغا يەنە بىر ئايرودۇرۇم سېلىشنى پىلانلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى خىتايغا يۆتكەشنى تېزلىتىش ۋە خىتاي ئاققۇنلارنى كۆچۈرۈپ ئەكېلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرى ئارىسىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشىنى داۋاملىق كۆپەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ جۈملىسىدىن سانجىغا تەۋە شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا يېڭى ئايرودۇرۇم سېلىشنى پىلانلىغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 14-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن ھەممىباب ئايرودۇرۇمى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋۇسەيۋەن ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بازىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان.

مەزكۇر ئايرودۇرۇم A1 دەرىجىلىك بولۇپ، ئاساسلىقى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋە ئەتراپتىكى قوشنا رايونلارنىڭ ئۇچۇش مەشىقى قىلىش، قىسقا مۇساپىلىك توشۇش، ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەشغۇلاتى، جىددىي ئەھۋالدا قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ۋە ئاتالمىش «مۇقىملىقنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش» قاتارلىق مۇلازىمەتلىرى بار ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنىڭ 2030-يىلى تاماملىنىشى، ئايرودۇرۇمنىڭ يىللىق ئۇچۇش-قونۇش مىقدارىنىڭ 12 مىڭ 400 ئايروپىلان قېتىمغا، يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 16 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى جىددىي كۆپەيتكەن بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەر-شېنجېن بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچقان. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىن گۇاڭدۇڭ-خوڭكوڭ-ئاۋمېن رايونلىرىغا بارىدىغان بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئالتىگە يەتكەن. ئۇندىن باشقا ئالدىنقى ھەپتە موڭغۇلكۈرە ئايرودۇرۇمىدا، تۇرپان ئايرودۇرۇمىدا ۋە خوتەن ئايرودۇرۇمىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە قاتنايدىغان بىر نەچچە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كۆپەيتىلگەن.

 

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتمەكتە. بۇنىڭغا ماس ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا، تۆمۈر يول ۋە تاشيول لىنىيەلىرىنى كۆپەيتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا ۋە بۇنى شەرقىي تۈركىستاننى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق سۈپىتىدە تەشۋىق قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 8322 قېتىم كۆرۈلدى
18/09/2023 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق