فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇسۇللارنى ئىشقا سېلىۋاتقان بولسىمۇ، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى جەريانىدا بايقىغانلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈچ مۇخبىرى جازا لاگېرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 7-ئايدا شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، خىتاي ئاتالمىش «تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى» دەپ دەۋا قىلغان بىر قىسىم جايلارنى زىيارەت قىلغان. مەزكۇر ئۈچ مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولغان فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ تەپسىلىي خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مۇخبىرلار ئاۋسترالىيە ئەقىل ئامبىرى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ئىلگىرى ئېلان قىلغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، خىتاي رېجىمى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەر ياكى ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ۋە باشقا ئۇچۇر مەنبەلىرىگە ئاساسەن بىر قىسىم تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنى ئېنىقلاپ چىققان. مۇخبىرلار بۇنىڭغا ئاساسەن ئالدى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى دەپ ئاتالغان 26 ئورۇننى زىيارەت قىلغان.

ئۇلار زىيارەت جەريانىدا 26 ئورۇندىكى ئون ئورۇندا جازا لاگېرىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ جايلاردا كۆزىتىش پونكىتى ئورنىتىلغان ۋە قاراۋۇللار قويۇلغاندىن باشقا، ئەتراپتىكى تاملار سىم بىلەن قورشىلىپ نۇرغۇنلىغان كۆزىتىش كامېرالىرى ئورنىتىلغان.

مۇخبىرلار يەنە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىدا ئېلان قىلىنغان، ئاتۇش شەھىرىگە يېقىن جايدا قۇرۇلغان سەككىز ئورۇندىكى جازا لاگېرىنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش جەريانىدا خىتاي رېجىمى قاتتىق توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار بارلىق توسالغۇلارغا قارىماي ئەھۋال ئىگىلىگەن. بۇ لاگېرلارنىڭ بىرى 2017-يىلى سېلىنغان بولۇپ، كېيىن يەنە كېڭەيتىلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ ئەتراپقا يەنە ئوخشاش بىنالار سېلىنغان.

مۇخبىرلار يەنە قەشقەر شەھىرىدىن بىر سائەت يىراقلىققا جايلاشقان ئولتۇراق رايوندىكى بىنالار ئارىسىدا ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتە قورشاۋ تام سوقۇلغان ئورۇننى كۆرگەن ۋە بۇ قۇرۇلۇشنى ئاۋسترالىيە ئەقىل ئامبىرىنىڭ دوكلاتىدا ئېلان قىلىنغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىگە سېلىشتۇرۇپ، بۇ بىنانىڭ 2017-يىلى سېلىنغانلىقىنى، يېقىندا يەنە بۇ ئەتراپتا بىر قىسىم يېڭى بىنالارنىڭ سېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭغا قاراۋۇلخانا ۋە بىخەتەرلىك كىرىش ئېغىزى ئورنىتىلغانلىقىنى بايقىغان. ئەمما 2019-يىلدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە ئاشكارىلانغان كۆزىتىش كامېراسى، تىكەنلىك سىم رېشاتكا ۋە كۆزىتىش مۇنارى چېقىۋېتىلگەنىكەن.

مۇخبىرلار تەكشۈرۈش داۋامىدا يەنە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تاشلىۋېتىلگەن نۇرغۇن قورۇ ئۆيلەرنى بايقىغان. بۇ ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىشىك قۇلۇپلانغان بولۇپ، سىرتتىن ئىچىدىكى كارىۋات، ئۈستەل، ئورۇندۇق ۋە باشقا ئۆي جابدۇقلىرىنى كۆرگەن. مۇخبىرلار بۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبلىك ئادەمسىز قالغان ئۆيلەر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان.

گەرچە خىتاي رېجىمى جىنايى قىلمىشىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم جازا لاگېرىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، ئەمما كانادا سىمون فىرازېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دارېن بايلېر فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئىلگىرى تۈرمىگە تاشلانغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىتاي تەسىس قىلغان ئاتالمىش «سانائەت باغچىلىرى»دا قاتتىق نازارەت ئاستىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

زىيارەت جەريانىدا مۇخبىرلار قاتتىق ئاۋارىچىلىككە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ھەرقېتىم نامەلۇم ماشىنىلار ئۇلارغا ئەگىشىپ ئىزىغا چۈشكەن. بىر تۈركۈم نامەلۇم ئۇيغۇرلارمۇ مۇخبىرلارنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە داۋاملىق كاشىلا قىلغان.

مۇخبىرلار يەنە يەكەن ناھىيەسى ئەتراپىدىكى تۆت يېزىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئىكەن. گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئىلگىرى خىتاي ئېلان قىلغان رەسمىي ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن بۇ كەنتتىكى ئاھالىلەرنىڭ لاگېرغا قامىلىش نىسبىتىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغانىدى. شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەت ئەڭ ناچار بولغان ۋاقىتتا، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك جازا لاگېرىغا قامالغان. مۇخبىر بۇ رايوندا نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ قۇلۇپلانغانلىقىنى كۆرگەن بولۇپ، ئاھالىلەرگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن، يەرلىك كىشىلەردىن كۆپ سوئال سورىمىغان. يەرلىك ئەمەلدارلار بولسا ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. بەزىدە مۇخبىرلار بۇيرۇق بېرىلگەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان، ھەتتا قوغلاپ چىقىرىلغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى»دىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «ئوقۇش پۈتتۈرگەن»دىن كېيىن مەركەزدىن ئايرىلغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر داۋاملىق يوقاپ كەتكەن. خىتاي رېجىمى ئەزەلدىن قانچە كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ياكى نېمىگە ئاساسەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ تەپسىلىي خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە نۇرغۇن كەنتلەردە خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىش ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىشىۋاتقانلىق ئالامەتلىرى بايقالغان بولسىمۇ، ئەمما ساياھەتچىلىك يەنىلا قاتتىق راۋاجلانغان. ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتايلار بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مىللىيچە كىيىملەرنى كىيىۋالغان. ئەمما مۇخبىر يېڭىسار ناھىيەسىدىكى زىيارىتى داۋامىدا قەبرىستانلىقتا دىنىي پائالىيەتنى چەكلەيدىغان مەزمۇنلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆرگەن. پىلاكاتلاردا قەبرىگە دۇئا قىلغاندا تىز پۈكۈپ ئولتۇرۇش، باش ئۇرۇش ياكى تىزلىنىپ ئولتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى يېزىلغان.

مۇخبىرلار يەنە بايقىشىچە، قەشقەر ئەتراپىغا جايلاشقان رايونلاردىكى نۇرغۇن مەسچىتلەر تاقىلىپ قالغان ياكى تاشلىنىپ قالغان. بەزى مەسچىتلەرنىڭ مۇنارلىرى چېقىۋېتىلگەن. يەنە بەزى مەسچىتلەرگە «پارتىيەنى سۆيۈش»، «ۋەتەننى سۆيۈش» دېگەندەك پىلاكاتلار ئېسىپ قويۇلغان. جۈمە كۈنى قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتكە ناماز ئوقۇغىلى كەلگەن چەكلىك ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆپ ئىكەن. جۈمە نامىزى ۋاقتىدا يېقىن ئەتراپتىكى باشقا ئۈچ مەسچىتنىڭ ئىشىكى قۇلۇپلانغان.

كۆزەتكۈچىلەر فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر پەيتتە ئىشقا ئاشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆرگەنلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ پەقەت بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇلارنى يوشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ۋە چەت ئەلدىن ساياھەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئالدىن تەييارلانغان چەكلىك يەرلەرنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 8670 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2023 17:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق