خىتاي «مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش جازالاش تەدبىرى» ئېلان قىلدى

خىتاي ئۆسمۈرلەرگە قاراتقان مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاتالمىش «مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش مەمۇرىي جازالاش ۋاقىتلىق تەدبىرى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ تەدبىر 15-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئورگان تورى ئېلان قىلغان خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، «مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش مەمۇرىي جازالاش ۋاقىتلىق تەدبىرلىرى» ئالتە باب، 44 ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەزكۇر تەدبىردە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش، قانۇنسىز ھەرىكەت ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيەت، جازا تەرتىپى ۋە ئىجرا قىلىش ۋە يولغا قويۇش ئاپپاراتلىرى، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە مەمۇرىي جازا ئوبيېكتى، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.

تەدبىردە ئېنىق بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەگەر بىرەر شەخس، قانۇنىي ۋەكىل ياكى باشقا تەشكىلاتلار جەمئىيەتتىن ئۈچ ياشتىن يۇقىرى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنى ياكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مەكتەپ سىرتىدا «قانۇنسىز» تەربىيەلىگەن بولسا بۇ تەدبىرگە ئاساسەن جازالىنىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەدبىردە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى مەمۇرىي جازالاش خىزمىتىنى ناھىيە دەرىجىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ قانۇن ۋە مەمۇرىي جازا ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن يولغا قويۇلىدىغانلىقى بەلگىلەن. ئۇندىن باشقا تور سىرتى ۋە توردا تەربىيەلەش مەسىلىسىگە ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلىدىكەن.

تەدبىردە يەنە شەخسلەر، قانۇنىي ۋەكىللەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تەستىقتىن ئۆتكۈزمەيلا، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش، تور سىرتىدا تەربىيەلەش تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئالاھىدە تەربىيەلەش مەيدانى ياكى توردا تەربىيەلەش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان تور بېكەتتە ئىككىدىن ئارتۇق كىشىنى تەربىيەلەش، مۇناسىپ تەشكىلىي قۇرۇلما ۋە ئىش تەقسىماتى ئاساسىدا تەربىيەلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى رۇخسەتسىز، مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرۇش قىلمىشىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ تەدبىردە تەستىق ئالماي تۇرۇپ مەكتەپ سىرتىدا كۇرس ئاچقان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ئاگاھلاندۇرۇش جەرىمانىسى قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر ئاتالمىش «مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى مەمۇرىي جازالاش ۋاقىتلىق تەدبىرى»نى يولغا قويۇشتىكى مەقسەتنىڭ ئەمەلىيەتتە خەلقنى ھەربىي تۈزۈم ئاستىدا مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، بارلىق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي ئەقىدىسى، مىللىي ئېڭى ۋە تىل-يېزىقىنى چەكلەش، خىتاي قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 8315 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2023 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق