خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي مەسلىھەتچىسىنى ئاتالمىش «تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش» ئورگىنىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى دىققەت قوزغىماقتا.
«خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى گېزىتى»نىڭ 12-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي مەسلىھەتچىسى ۋاڭ خۇنىڭ تەيۋەن بۆلگۈنچىلىرىگە زەربە بېرىش ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان بولۇپ، ۋاڭ خۇنىڭ بۇ سۆزنى ئاتالمىش «خىتاينى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېڭىشى»نىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا تەكىتلىگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېڭىشىنىڭ ۋەزىپىسى بىرلىككە كېلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەن. تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن 2016-يىلى سايلىنىپ، بىر خىتاي پىرىنسىپىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىشكە باشلىغان. خىتاي تەيۋەننى دائىرىلىرىنى «بۆلگۈنچى كۈچ» دەپ جار سېلىۋاتقان بولۇپ، تەيۋەننى خىتايغا قوشۇۋېلىش ئۈچۈن قورال كۈچى ئىشلىتىشنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ