ياپونىيە تەيۋەن بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ئالاقىسىنى يېڭىلىغان بولۇپ، ياپونىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
«ياپونىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەيۋەن بىلەن پەقەت ھۆكۈمەتسىز مۇناسىۋىتىنىلا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا تەيۋەنگە 1 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان بولۇپ، خىتاي تەيۋەنگە تەھدىت سېلىش ئۈچۈن تەيۋەن بوغۇزىغا يېقىن جايدا ھەربىي ھەرىكەتنى كۈچەيتكەن.
يېقىندىن بېرى خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ تەيۋەن سەۋەبلىك زىددىيىتى بارغانچە كۈچەيگەن. خىتاي تاموژنا باش ئىدارىسى 24-ئاۋغۇست يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ياپونىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان سۇ مەھسۇلاتلىرىنى، جۈملىدىن سۇ ھايۋانلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي تاموژنا باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشىدا فۇكۇشىما يادرو ئىستانسىسىدىكى بۇلغانما سۇلارنىڭ دېڭىزغا قويۇپ بېرىلىشىدىن كېلىپ چىققان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ رادىيوئاكتىپلىق بۇلغىنىش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىتاي رېجىمىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يۇقىرىقى تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ