خىتاي يەنە دېڭىزنى يەتتە كۈن قامال قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلدى

خىتاي دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى دېڭىز قاتنىشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئۇدا يەتتە كۈن ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دېڭىز ئىشلىرى داليەن دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى دېڭىز قاتنىشى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلغان. ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشىدا 10-سېنتەبىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 16 دىن 17-كۈنى سائەت 16 گىچە، بوخەي بوغۇزى، خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ رايونغا كىرىشنىڭ مەنئى قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا زېمىن داۋاسى قىلىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ ھەرىكىتى قوشنا دۆلەتلەرنى بىئارام قىلغان. خىتايغا نارازى بولغان دۆلەتلەر خىتايغا قارشى غەرب ئەللىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش ئارقىلىق، خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلىغان. خىتاينىڭ رايوندىكى زوراۋانلىق قىلمىشى ئاتالمىش «2023-يىللىق يېڭى نۇسخىدىكى ئۆلچەملىك خەرىتە»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ گەۋدىلەنگەن.

مەزكۇر ئاتالمىش «ئۆلچەملىك خەرىتە» تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، تىبەت بىلەن ھىندىستان چېگراسىدىكى ئارۇناچال رايونى ۋە شەرقىي تۈركىستان، كەشمىر، تىبەت چېگراسىدىكى ئاكساي چىن رايونىنىمۇ خىتاي تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزۈۋالغانىدى ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئالتە دۆلەت ئارقا-ئارقىدىن خىتاينىڭ بۇ زومىگەرلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1650 قېتىم كۆرۈلدى
13/09/2023 15:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق