خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا بۇ يىلمۇ ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى ئۇقتۇرۇشى تارقاتتى

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى ھاۋا مۇداپىئە نۇقتىلىق شەھەرلىرىدە بۇ يىلمۇ بىر تۇتاش ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قارىشىنى ئۆستۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىش، ھاۋا مۇداپىئە سىگنال ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش» نامىدا 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:00 دە شەرقىي تۈركىستان بويىچە ھاۋا مۇداپىئە نۇقتىلىق شەھەرلىرىدە بىر تۇتاش ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

ئۇقتۇرۇشتا 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:19 مىنۇت ئۆتكىچە، تەييارلىق سىگنالى چېلىنىدىغانلىقى، سىگنال 36 سېكۇنت چېلىنىدىغانلىقى، 24 سېكۇنت توختايدىغانلىقى، بىر دەۋرىيلىكتە (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت بولىدۇ) ئۈچ قېتىم تەكرار چېلىنىدىغانلىقى، ھاۋا ھۇجۇمى مۇداپىئە سىگنالىنىڭ ئالتە سېكۇنت چېلىنىدىغانلىقى، ئالتە سېكۇنت توختايدىغانلىقى، 15 قېتىم تەكرارلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى ئۈرۈمچى، سانجى، كۇيتۈن، قاراماي، غۇلجا، كورلا، چۆچەك، قۇمۇل، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، بورتالا، خوتەن، ئاتۇش، ئالتاي، شىخۇ قاتارلىق شەھەرلەردە بىر تۇتاش چېلىنىدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە بارلىق پۇقرالارنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنىڭ تۈرلىرىنى پەرقلەندۈرۈشى ۋە پىششىق بىلىشى، نورمال تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەت تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى كۆرۈنۈشتە ساياھەت رايونى دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىكى مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ساناقسىز جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق نازارەت ۋە يۇقىرى بېسىملىق كونتروللۇقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2247 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2023 14:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق