قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز ۋېنگىرىيەگە باردى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ باشچىلىقىدىكى ئۆمەك ۋېنگىرىيەنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ۋېنگىرىيە خەلقىنى ئالداشقا ئۇرۇندى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۆمەك باشلاپ، 4-سېنتەبىردىن 6-سېنتەبىرگىچە ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولغان بولۇپ، ۋېنگىرىيەدە ۋېنگىرىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى لېزاك ساندور ھەم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە ياش دېموكراتچىلار ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇناي مونىكا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى ناجى مارتون، دىپلوماتىيە ۋە تاشقى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ماجيار لېۋېنتې، خەۋپسىزلىك سىياسىتى ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىك ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلى ستالوي ئاندىراش قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەن.

زىيارەت جەريانىدا ئەركىن تۇنىياز: «شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قوغدىلىپ، دىنلار ئىناقلىقى ئىشقا ئاشتى. خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، كەسىپلەر تەرەققىي قىلدى. شىنجاڭنىڭ روشەن رايون ئەۋزەللىكى، بايلىق ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكى، سۇپا ئەۋزەللىكى جارى بولدى» دېگەندەك قېلىپلىشىپ كەتكەن سەپسەتىلەرنى تەكرارلىغان.

ئەركىن تۇنىياز زىيارەتتە يەنە ۋېنگىرىيە كارخانىچىلىرى ۋە ياللىغۇچىلار جەمئىيىتى، خىتاي بانكىسى ۋېنگىرىيە شۆبە بانكىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇللار بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۆمەك بىلەن بىللە بارغان كارخانىلار خىتاي-ياۋروپا سودا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان،

خىتاي مەزكۇر زىيارەتنى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ۋېنگىرىيە جەمئىيىتىدىن يوشۇرۇش، كۆز بوياشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەتتە تەشكىللىگەن بولۇپ، قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز خىتاي رېجىمى ئورۇنلاشتۇرغىنى بويىچە جۆيلۈپ: «مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلدى» دېيىش ئارقىلىق ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىغان.

ئەركىن تۇنىياز بۇ سەپسەتىلىرى بىلەن جار سېلىۋاتقاندا بولسا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇتقۇن قىلىش، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى داۋاملاشماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2117 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2023 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق