ئامېرىكا مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى خىتاي رېجىمى دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي كىرىزىسلارنىڭ رايون ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ 11-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى ۋالى ئادېيېمو خىتاينىڭ زور ئىقتىسادىي كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، خىتاي ئىقتىسادىدىكى كاساتچىلىقنىڭ ئامېرىكىغا ئەمەس، رايون دۆلەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە خىتاي رېجىمىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىقتىسادىي كاساتچىلىقنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەنبەسى بولسىمۇ، ئەمما نوپۇس ۋە زور مىقدارلىق قەرز قاتارلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك ئىكەن.
ۋالى ئادېيېمونىڭ بۇ سۆزى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى «كىرىزىس باسقۇچىدا» دەپ ئاتىغاندىن بىر كۈن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئادېيېمونىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە خىتاينىڭ بەزى قارارلىرى كونكرېت شىركەتلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چەكلىك بولىدىكەن. خىتاينىڭ ئىقتىسادىدىكى كاساتچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىرى خىتاي بىلەن قوشنا رايونلارغا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ