ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە پارلامېنتى تەتقىقاتچىسىنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى سەۋەبلىك، بېيجىڭغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇش مەسىلىسىدە بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.
ب ب س نىڭ 11-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى تەھدىت قاتارىغا كىرگۈزۈشكە چاقىرغان بولۇپ، بۇ چاقىرىقنى بەزى ئىچكى كابىنېت رەئىسلىرى ۋە ئەزالىرى قوللىغان.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا خىتاينىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن ئوچۇق سۆھبەتلىشىشنىڭ لازىملىقىنى ئېيتقان.
خىتاي تەرەپ ئەنگلىيەنىڭ خىتاينى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەش باياناتىنى رەت قىلىپ، ئەيىبلەشنى «يامان غەرەزلىك تۆھمەت» دەپ بىلجىرلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ساقچىلىرى 9-سېنتەبىر بۇ يىل مارت ئېيىدا ساقچىلارنىڭ «مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قانۇنى»غا ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20 ۋە 30 ياشلىق ئىككى كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى دەلىللىگەن. لوندون ساقچىلىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «30 ياشتىن ئاشقان بىر كىشى ئوكسفوردتىكى تۇرالغۇسىدا قولغا ئېلىندى. 20 ياشتىن ئاشقان يەنە بىرى ئېدىنبۇرگدىكى تۇرالغۇسىدا قولغا ئېلىندى» دېگەنىدى.
BBC نىڭ بىلدۈرۈشىچە، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بىرى خەلقئارا ئىشلارغا مەسئۇل پارلامېنت تەتقىقاتچىسى ئىكەن. ئەنگلىيە «يەكشەنبە ۋاقىت گېزىتى» تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان دوكلاتقا قارىغاندا، تەتقىقاتچىنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ بىر نەچچە پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گەرچە BBC بۇ ھەقتە مەزكۇر تەتقىقاتچىنى زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان.
نۆۋەتتە ھەر ئىككى كىشى كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ساقچى ئىدارىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمى جاسۇسلۇققا مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەر باشقارمىسىدا تەكشۈرۈلمەكتىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ