خىتاي يېڭى ئېلان قىلغان قانۇن تۈزىتىش لايىھەسى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاي رېجىمى ئالدىنقى ھەپتە ئاتالمىش «ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»نىڭ تۈزىتىش لايىھەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىر قىسىم يېڭى ماددىلار كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

خىتاي رېجىمى ئالدىنقى ھەپتە ئاتالمىش «ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»نىڭ تۈزىتىش لايىھەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ 17 يىلدىن بۇيان مەزكۇر قانۇنغا تۇنجى قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھېسابلىنىدىكەن. تۈزىتىلگەن لايىھەسىدە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى روھى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھېسسىياتى»غا زىيان يەتكۈزىدىغان كىيىم-كېچەكلەر، زىننەت بۇيۇملىرىنى كىيىش، تاقاش، قالايمىقان سۆز-ھەرىكەتلەردە بولۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە جازا بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاينىڭ بۇ تۈزىتىش لايىھەسى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، ئاتالمىش «خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» سەپسەتىسىنى جار سېلىۋاتقان، ئىسلامغا ئالاقىدار بارلىق كىيىم-كېچەك، سىمۋول، بەلگىلەرنى «سىرتتىن كەلگەن مەدەنىيەت، ئاشقۇنلۇق» دېگەن باھانىلەر بىلەن باستۇرۇۋاتقان خىتاي رېجىمىنىڭ تېررور سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەزكۇر تۈزىتىش لايىھەسىنى خىتاي قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئېلان قىلغان بولۇپ، 34-ماددىسىنىڭ 2-، 3-تارماقلىرىدا خەلقنىڭ كىيىنىش، ياسىنىش، سۆز-ھەرىكەتلىرىنى، پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان. جۈملىدىن ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى روھى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھېسسىياتى»غا زىيان يەتكۈزىدىغان كىيىم-كېچەك كىيىش ياكى ياسىنىش ۋە بەلگىلەرنى تاقاش ياكى باشقىلارنى بۇلارغا مەجبۇرلاش؛ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى روھى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھېسسىياتى»غا زىيان يەتكۈزىدىغان ماتېرىيال ياكى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، تەشۋىق قىلىش، تارقىتىش؛ ئاتالمىش «قەھرىمانلار»نىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ۋە روھىنى ھاقارەتلەش ۋە رەت قىلىش؛ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ۋە تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇنى گۈزەللەشتۈرۈپ كۆرسىتىش قاتارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ جازالىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

تۈزىتىش لايىھەسىدە خىلاپلىق قىلغان كىشىلەرگە بەش كۈندىن ئون كۈنگىچە توختىتىپ قويۇش ياكى مىڭ يۈەندىن، ئۈچ مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇش، ئېغىر بولغاندا ئون كۈندىن ئون بەش كۈنگىچە توختىتىپ قويۇش ياكى بەش مىڭ يۈەندىن جەرىمانە قويۇش جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر تۈزىتىش لايىھەسىنى خىتاي رېجىمىنىڭ سۆز ئەركىنلىكى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قېلىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن نامايەندىسى دەپ تەنقىد قىلغان بولۇپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى روھى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھېسسىياتى»نىڭ مۈجمەل ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ھەر قانداق سۆز-ھەرىكەتنى باستۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

كۆزەتكۈچىلەر يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ نەچچە يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىدىن تارتىپ، ئاياللارنىڭ ئىسلامىي كىيىنىشىگە قەدەر باستۇرۇپ، بۇ خىل كىشىلەرنى تېررورچى دەپ جازا لاگېرى ۋە تۈرمىگە سولاپ جازالىغانلىقىنى، يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2253 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2023 17:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق