ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، ۋىيېتنامنىڭ پايتەختى خانويدا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا ئورۇنلاشتۇرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي ھەققىدە كۆپلىگەن سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
ۋىيېتنام ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدېننىڭ ھىندىستاندا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىدىن كېيىن، ۋىيېتنام پايتەختى خانويغا بېرىپ، ۋىيېتنام كوممۇنىست پارتىيەسى باش كاتىپى نىگۇيېن فۇ تروڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋىيېتنامدا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغان بايدېن ئۇچرىشىشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلاش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، مەقسىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ ۋىيېتنام ۋە ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەر بولغان ئالاقىسىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بايدېن ئۆزىنىڭ ۋىيېتنامنى خىتاينى قورشاش مەقسىتىدە زىيارەت قىلمىغانلىقىنى ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەشەببۇسىنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بايدېن ھىندىستاندا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمىغان خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتە بەزى قىيىنچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاي رېجىمىنى سەپنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىش نىيىتى يوقلىقىنى ئىپادىلىگەن.
بىر مۇخبىر ئۇنىڭ نېمىشقا شى جىنپىڭ بىلەن ئون ئايدىن بۇيان كۆرۈشمىگەنلىكىنى سورىغاندا، ئۇ «ھازىر ئۇنىڭ قولىدا بەك كۆپ ئىش بار» دەپ جاۋاب بەرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر