ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا ھىندىستان، ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپانى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان «ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاندى.
بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ تارىخىي يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇش نامى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىغا قارشى تەشەببۇس دەپ قارالغان بولۇپ، خەۋەر قىلىنىشىچە، ھىندىستان ساھىبخانلىق قىلغان «بىر دۇنيا، بىر ئائىلە، بىر كەلگۈسى» باش تېمىسىدىكى 18-نۆۋەتلىك 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇل ئەسلىھە ۋە مەبلەغ شېرىكلىرى ئۇچرىشىشىدا، ھىندىستاننى ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپاغا تۇتاشتۇرىدىغان دۆلەت ھالقىغان تۆمۈر يول ۋە دېڭىز تۈرى بولغان «ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى» تونۇشتۇرۇلغان.
يىغىندا ھىندىستان، ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇش توغرىسىدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالانغان. ئىمزا قويغان دۆلەتلەر گەرچە چەكلەش كۈچىگە ئىگە مالىيە ۋەدىسى بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئىككى ئاي ئىچىدە كارىدور بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت پىلانى تەييارلاشقا قوشۇلغان.
دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك مۇنبەر بولغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ يىللىق يىغىنغا رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشمىغان. خىتايغا ۋاكالىتەن باش مىنىستىر لى چياڭ قاتناشقان بولۇپ، بۇ 2008-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاي رەئىسىنىڭ بۇ يىغىنغا قاتناشماسلىقى ئىكەن.
گېرمانىيە تاراتقۇلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دېھلىدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشنى تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنى قايمۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يىغىنغا قاتناشماسلىقىدا ھەرخىل سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ھىندىستان-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلىق چېگرا مەسىلىسى، يەنە بىرىنىڭ يىرىكلىشىۋاتقان خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ خاتا قەدەم باسقانلىقىنى، تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى، بايدېننىڭ بولسا بۇ تارىخىي پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلانغانلىقىنى ۋە خىتايغا قارشى كۈچلۈك ئىتتىپاق شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«فىرانكفورت دوكلاتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر ئايلانما كۈچ تالىشىش بولغان بولۇپ، بايدېن بېيجىڭنىڭ يىپەك يولى تۈرى بىلەن رىقابەتلىشىپ، ھىندىستان، ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمىنى ئاچقان ۋە «تارىخىي ئىقتىسادىي كارىدور» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
گېرمانىيە «ئىقتىساد گېزىتى» باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسىنىڭ غەربنىڭ مۆلچەرىدىن يىراق ئىكەنلىكىنى، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش توغرىسىدىكى مەزمۇننىڭ ئىنتايىن ئاجىز بولغانلىقىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا: «دۆلەتلەر زېمىنغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىشتىن ئۇزاق تۇرۇشى كېرەك» دېگەن ئىپادە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، رۇسىيە ئىلگىرىكى يىغىنغا ئوخشاش ئېنىق ئەيىبلەنمىگەن.
ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدا: «بۈگۈن بۇ مۇھىم ۋە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە شېرىكلىك توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە، (بۇ كارىدور) ھىندىستان، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپادا زور بىر ئىقتىسادىي گەۋدىلىشىشكە ۋاسىتە بولىدۇ» دېگەن ۋە بۇ كارىدورنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇلىنىش ۋە سىجىل تەرەققىياتقا يېڭى بىر يۆنىلىش بەلگىلەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.
بۇ تەشەببۇس ھىندىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، ياۋروپا ئىتتىپاقى، فىرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ، ئى. ئۆتكۈر