ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئۆزىنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن ئون ئايدىن بۇيان كۆرۈشمىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالغا: «ھازىر ئۇنىڭ قولىدا بەك كۆپ ئىش بار» دەپ جاۋاب بەردى. (ئامېرىكا ئاۋازى)