تىبەتلەر 20 دۆلەت گۇرۇھىدىن تىبەت مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلدى

يېڭى دېھلىدە ياشاۋاتقان تىبەتلەر خىتايغا قارشى نامايىش قىلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىدىن تىبەت مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سۈرگۈندە ياشاۋاتقان يۈزلىگەن تىبەتلىكلەر 8-سېنتەبىر ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا نامايىش قىلىپ، «ئەركىن تىبەت»، «تىبەت تىبەت خەلقىگە مەنسۇپ» دەپ شوئار توۋلىغان. ئۇلار قوللىرىدا «شى جىنپىڭ قارشى ئېلىنمايدۇ» دېگەن شوئار يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا قارشى كۈچ كۆرسەتكەن.

ئۇلار نامايىش داۋامىدا بايانات ئېلان قىلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا تىبەت مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

سۈرگۈندىكى تىبەتلەر يەنە قىلغان نامايىشلىرىدا خىتاينى تىبەتنى قانۇنسىز ئىشغال قىلىش ۋە تىبەت خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە قىرغىن قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.

بىر قانچە كۈن بۇرۇن شى جىنپىڭنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئورنىغا باش مىنىستىر لى چياڭنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2686 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2023 13:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق