ھىندىستان ئارمىيەسى تەيۋەن بوغۇزى ئۇرۇشىغا قانداق قاتنىشىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلماقتا

 

تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىپ قالسا، ھىندىستاننىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى جىددىي باھالىماقتىكەن.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 8-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەخمىنەن ئالتە ھەپتە ئىلگىرى ھىندىستان ئارمىيەسى باش ئىشتاپ باشلىقى ئانىل چاۋخەن ئالاقىدار ئورۇنلارغا تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ھىندىستاننىڭ بۇنىڭغا قارىتا نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئىلگىرى ئوخشىمىغان سورۇنلاردا بۇ مەسىلىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانلىقى سەۋەبلىك ھىندىستان مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى باشلىغان. بۇ خىل تەتقىقات ھەر خىل ئۇرۇش ئەھۋاللىرىنى باھالايدىغان بولۇپ، توقۇنۇش يۈز بەرگەندە ھىندىستان رەھبەرلىرىنى توغرا ئۇسۇلنى تاللاش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ باھالاش ئۇسۇللىرىدىن بىرى ھىندىستان ئەشيا ئوبوروت مەركىزى بولۇپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئايروپىلان ۋە پاراخوتلىرىنى رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش شۇنداقلا خىتاي بىلەن جەڭ قىلغان قوشۇننى يېمەكلىك، يېقىلغۇ ۋە داۋالاش ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىكەن. ئىككى ئەمەلدار يەنە: «تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋالدا ھىندىستاننىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇشقا قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى، يەنى جۈملىدىن شىمال تەرەپتىكى ھىندىستان چېگراسىدا يېڭى جەڭ مەيدانى ئېچىپ، خىتاينى ئىككى سەپتە جەڭ قىلىشقا قىستاش باھالىنىدۇ» دېگەن.

2020-يىلى خىتاي-ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشى كەسكىنلەشكەندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ چېگرا رايونلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ۋە قورال-ياراق ئورۇنلاشتۇرغان. ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىك ۋە ھەربىي سەۋىيەدە چېگرا ماجىراسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى سۆھبىتى ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىگەن.

ھىندىستان ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى تاپشۇرۇش ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، ھىندىستان ئارمىيەسى ئۇنى تېزدىن تاماملاشقا بۇيرۇلغان. باھالاش نەتىجىسى باش مىنىستىر نارېندىرا مودى ۋە باشقا سىياسىي رەھبەرلەرنى قارار چىقىرىش بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ئۇندىن باشقا ھىندىستان بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، پېنسىيەگە چىققان ھىندىستان گېنېرالى تەيۋەننى زىيارەت قىلغان. ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سابىق گېنىراللىرى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ بېشىدا تەيبېيدە ئۆتكۈزۈلگەن «كېداگالان مۇنبىرى 2023 ھىندى-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك سۆھبەت يىغىنى»غا قاتناشقان. بۇ يېقىندا پېنسىيەگە چىققان ئۈچ ھىندىستان ھەربىي ئىشلار ئورگىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تەيۋەنگە بېرىپ رايونلۇق بىخەتەرلىك مۇنبىرىگە قاتنىشىشى ئىكەن.

بەزى ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گەرچە ھىندىستان ئەزەلدىن خىتاي ۋە تەيۋەن مەسىلىسىگە قارىتا ئېھتىياتچان پوزىتسىيە قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان توقۇنۇشنى چوڭقۇر تەتقىق قىلماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 2549 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2023 13:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق