خىتاي رېجىمى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جامائەت پىكىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش خام خىيالىدا بولۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيا تاراتقۇ ئورگانلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە 24-ئاۋغۇستتىن 30-ئاۋغۇستقىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى بىلەن خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىگەن.
ئامېرىكا ئاۋارىنىڭ 8-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەشكىللىگەن زىيارەت ئۆمىكىگە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت تۆت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتىدىن 21 ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىرى تەكلىپ قىلىنغان.
زىيارەت داۋامىدا ئۇلار بىرلىكتە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ جەرياندا خىتاي رېجىمى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلگەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۆمەكنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، ئۇلارنى نەق مەيدان زىيارىتىگە تەشكىللىگەن. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، خىتاي 27-ئاۋغۇست ئاتالمىش «شىنجاڭ-ئوتتۇرا ئاسىيا ئاخبارات ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى»نى ئۆتكۈزگەن.
سۆھبەت يىغىنىدا خىتاي ئاخبارات جەمئىيىتى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى، خىتاي ئاخبارات مۇلازىمەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چېن لۇجۈن: «خىتاي ئاخبارات جەمئىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيا تاراتقۇلىرى بىلەن تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىلىرىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. دوستانە تاراتقۇلار بىلەن بىرلىكتە، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا ئاخبارات ھەمكارلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىدۇ» دېگەن.
خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ئاخبارات خادىملىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى، سانجى، تۇرپان، ئىلى ۋىلايىتى ۋە باشقا جايلاردا ئالدىن تەييارلانغان ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرۇپ كۆز بويامچىلىق قىلغان.
لوندون خان جەمەتى بىرلەشمە ئارمىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى راففېللو پانتۇچچى بۇ ھەقتە: «بۇ ئالاھىدە زىيارەت مېنىڭچە خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىگە بەك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تارقىتىۋاتقان يالغان، ساختا خەۋەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلاردا گۇمان پەيدا قىلىشى مۇمكىن» دېگەن.
خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەت ئۆمىكىنى تەشكىللەشتىكى ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا يانتاياق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ