خىتاي يەنە 38 خىل ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسېپنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلار قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى ساھەسىدىكى ئىجادىيەت ۋە رېتسېپلارنى خىتاي تېبابىتى دورىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم خىتاي يەنە ئۇيغۇر تېۋىپلار ئىجاد قىلغان 38 رېتسېپلىق دورىنى ئاتالمىش «خىتاي قەدىمكى دەۋردىكى كىلاسسىك داڭلىق رېتسېپلار مۇندەرىجىسى (2-تۈركۈم)»گە كىرگۈزۈۋالغان.

خىتاي جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورگان تورىنىڭ 2-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى خىتاي تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ئاتالمىش «قەدىمكى دەۋردىكى كىلاسسىك داڭلىق رېتسېپلار مۇندەرىجىسى (2- تۈركۈم)» نى ئېلان قىلغان. مۇندەرىجىگە جەمئىي 217 تۇنجى رېتسېپلىق دورا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تېبابىتىگە تەۋە رېتسېپلاردىن 38 دورا رېتسېپى بار ئىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە تونۇشتۇرۇشىچە، قەدىمكى دەۋردىكى كىلاسسىك داڭلىق رېتسېپلار ھازىرغا قەدەر كەڭ قوللىنىلىۋاتقان، داۋالاش ئۈنۈمى ئېنىق، روشەن ئالاھىدىلىك ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە قەدىمكى دەۋر ئاتالمىش «خىتاي تېبابىتى كىلاسسىك كىتابلىرى»دا خاتىرىلەنگەن رېتسېپلارنى كۆرسىتىدىكەن. قەدىمكى دەۋردىكى كىلاسسىك داڭلىق رېتسېپلىق دورا ياسالمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاتالمىش «خىتاي تېبابىتى دورىگەرلىكى»نىڭ يېڭى دورىسىغا ئايلاندۇرۇپ، خىتاي ىتخختتېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرىدىكەن. خىتاي تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «قەدىمكى دەۋردىكى كىلاسسىك داڭلىق رېتسېپلار مۇندەرىجىسى (1-تۈركۈم)»، «قەدىمكى دەۋردىكى كىلاسسىك داڭلىق رېتسېپلار مۇندەرىجىسى (2-تۈركۈم بالىلار بۆلۈمى قىسمى)» بولۇپ جەمئىي 107 رېتسېپلىق دورا ۋە 64 تۇنجى رېتسېپلىق دورىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر جەدۋىلىنى ئېلان قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ نۆۋەتتە مۇقىم رېتسېپى 2000 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ تارقىلىشچان زۇكام، A تىپلىق جىگەر ياللۇغى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، سوزۇلما كانايچە ياللۇغى، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسىلى، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، ئاق كېسەل، سۇنۇق، تېرە كېسىلى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بار ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ئىچىدىكى تەجرىبىدىن ئۆتكەن مۇھىم رېتسېپلارنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ، ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر تېۋىپلارنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 9407 قېتىم كۆرۈلدى
08/09/2023 17:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق