ئالما شىركىتى خىتايدا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئايفون ئىشلىتىشى چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەردىن كېيىن ئىككى كۈندە 200 مىليارد دوللار زىيان تارتتى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئايفون ئىشلىتىشىنى چەكلىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئالما شىركىتىنىڭ پاي باھاسى %6 تىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ، 200 مىليارد دوللار زىيان تارتقان.
ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى» خىتايدىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئورگان ۋە تەشكىلاتلاردىكى خىزمەتچىلەرگە ئالما شىركىتىنىڭ ئايفون تىپىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ۋە باشقا چەت ئەل ماركىلىرىنىڭ مودېللىرىنى خىزمەتكە ئىشلەتمەسلىك ۋە ئۇلارنى خىزمەت ئورنىغا ئەكەلمەسلىكى بۇيرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
گېزىت بۇ مەسىلىدىن خەۋەردە مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە خىزمەت سورۇنلىرى ۋە ئۇچۇر گۇرۇپپىلىرىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن بۇ مەسىلە توغرىسىدا يوليورۇق تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى.
بۇ تەدبىر خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە تېخنىكىنىڭ چەت ئەلگە تايىنىشىنى ئازايتىش ۋە تور بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ بۇ قەدەملىرى ئامېرىكىنىڭ خىتاي تېخنىكا شىركىتى خۇاۋېي ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى تىك توكقا قويغان ئوخشاش چەكلىمىلەردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىشى دىققەت قوزغىماقتا.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە قارىماي، ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون سېتىشتا ئىگىلىگەن نىسبىتى %22 بولۇپ، بۇ شىركەت ھۆددىگە ئالغۇچى شىركەتلەر ئارقىلىق خىتايدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن ۋە كىرىمىنىڭ %19 ىنى خىتاي بازىرىدىن ئالىدىكەن.
ئامېرىكا بانكىسىنىڭ مۆلچەرىچە، خىتاي ئالما شىركىتىنىڭ يىللىق iPhone سېتىش مىقدارى 50 مىليونغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇ چەكلەشنىڭ ئالما شىركىتىگە يىلىغا بەش-ئون مىليون دانىگە توغرا كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
گەرچە خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئالما شىركىتى بۇ مەسىلىگە باھا بېرىشنى رەت قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر