خىتاينىڭ رايوندىكى كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى بىلەن بېرما ھەربىي رېجىمىنىڭ ۋەھشىيلىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنى قالايمىقانلاشتۇرماقتا.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 7-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان خىتاي باش مىنىستىرى يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى ئالدىدا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق مەيدانغا كېلىشى قىيىن بولغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، رايوندىكى بېرما ھەربىي رېجىمىنىڭ ۋەھشىيلىكى ۋە ئۈزلۈكسىز خىتايغا يېقىنلىشىشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى گاڭگىرىتىپ قويغان.
مەزكۇر يىغىن توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىنىڭ مۇھىم تېمىسى ئىككى چوڭ قىزىق نۇقتىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى بېرما ھەربىي رېجىمىنىڭ بېرما پۇقرالىرىغا قاراتقان زوراۋانلىق ھەرىكىتى، يەنە بىرى خىتاينىڭ رايوندىكى كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون دۆلەت رەھبەرلىرى ھەر قېتىملىق يىغىندا ھەيۋە كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى ئاز ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن. جاكارتادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا دۆلەت باشلىقلىرى بېرمىدىكى پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە 2021-يىلى بېرما كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ماقۇللانغان «تىنچلىق پىلانى»نىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدىكى خەۋەرلەردە خىتاينىڭ رايوندىكى زېمىن كېڭەيمىچىلىك قىلمىشى مەسىلىسىدە دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ بار بولۇپ، بۇ مەسىلىدە ئورتاق تونۇشقا كېلىش قىيىن ئىكەن.
شۇنداقلا خىتاي رېجىمى 28-ئاۋغۇست ئاتالمىش «2023-يىل نۇسخىسىدىكى ئۆلچەملىك خەرىتە» نى ئېلان قىلىپ، بۇندىن كېيىن ئاخبارات-تەشۋىقاتتا، كىتاب-ژۇرناللاردا، گېزىتلەرنىڭ قىستۇرما رەسىملىرىدە، ئېلان-كۆرگەزمىلەردە، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىدا ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى خەرىتە ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
مەزكۇر ئاتالمىش «ئۆلچەملىك خەرىتە» تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، تىبەت بىلەن ھىندىستان چېگراسىدىكى ئارۇناچال رايونى ۋە شەرقىي تۈركىستان، كەشمىر، تىبەت چېگراسىدىكى ئاكساي چىن رايونىنىمۇ خىتاي تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزۈۋالغانىدى ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئالتە دۆلەت ئارقا-ئارقىدىن خىتاينىڭ بۇ زومىگەرلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ