ئامېرىكا: خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى خىرىسىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىلىي راتنېر ئۆتكەن بىر يىلنىڭ ھەقىقەتەن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ئۈچۈن تارىخىي بىر يىل بولغانلىقىنى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ رايوندا داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئەركىن ۋە ئېچىۋېتىلگەن ھىندى-تىنچ ئوكيان تەسەۋۋۇرىنى بەرپا قىلىپ، رايوندىكى تەھدىت كۈچىمىزنى قەتئىي كۈچەيتىمىز» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 7-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئىلىي راتنېر ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ سىياسىي پارتىيەنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق قوللاشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان.

ئىلىي راتنېر سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىن، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ھىندونېزىيە، ۋىيېتنام ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى، ئىتتىپاق ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىز ئۇلار بىلەن بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى قىلدۇق، بۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندا تېخىمۇ ھەرىكەتچان، ئەجەللىك ھەرىكەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى» دېگەن.

ئىلىي راتنېر سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئامېرىكا ئارمىيەسى يەنە ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىلگىرىلىشى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى بۇ مۇناسىۋەتلەرنى بىر-بىرىگە تېخىمۇ مۇستەھكەم باغلايدىكەن.

راتنېر سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىر قانچە يىلدىن بېرى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان تەرىقىدە ئۆزئارا ھەمكارلاشتى» دېگەن ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ خىرىس ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ رايوندىكى ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2244 قېتىم كۆرۈلدى
08/09/2023 16:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق