خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇلاڭ-تالاڭدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتمەكتە

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشتا 5G تېخنىكىسى، سۈنئىي ئىدراك ۋە ئىنتېرنېت تورى قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى كۆپلەپ قوللانغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، قوشنا دۆلەتلەرگە قارشى ھەرخىل مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ خەلقئارا تەرتىپنى بۇزۇش قىلمىشلىرى سەۋەبلىك خەلقئارادا تۈرلۈك بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ماشىنا ئادەم، شوپۇرسىز قېزىش ماشىنىسى، كۆمۈر قېزىش ئەسۋابى، كېسىش ماشىنىسى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ئىلغار ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى»نىڭ جەنۇبىي ئوچۇق كانى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئوچۇق كۆمۈر كان بولۇپ، شەرقتىن غەربكە 4.5 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا 2.5 كىلومېتىر، چوڭقۇرلۇقى 260 مېتىر كېلىدىكەن. مەزكۇر شىركەت بۇ يىل 2-ئايدا تۇنجى تۈركۈمدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن كۆمۈر قېزىشقا باشلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، نەق مەيداندا مەشغۇلات قىلىۋاتقان 50 دىن ئارتۇق شوپۇرسىز قېزىش ماشىنىسىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. بۇ شوپۇرسىز قېزىش ماشىنىلىرى ئالدىدىكى توسالغۇلارنى ئاپتوماتىك سېزىپ، ھەيدەش سۈرئىتىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدىغان بولۇپ، كاندا مەشغۇلات قىلىۋاتقان شوپۇرسىز كان يۈك ماشىنىلىرى 24 سائەت توختىماي مەشغۇلات قىلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى پەقەتلا خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، ھەتتا نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق زور كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 8081 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2023 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق