شايار ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىدە 3.9 بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 08:53 دە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 39.64 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 82.51 گىرادۇس) 3.9 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنىڭ 21 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

ئۇندىن باشقا بۈگۈن يەنە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىمۇ يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 04:49 دا گۇما ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 36.04 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.78 گىرادۇس) 3.2 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 8523 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2023 17:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق