خىتاي بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى تىبەتنى زىيارەت قىلدۇرماقچى

خىتاي رېجىمى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىگە قارىتا، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى تىبەتنى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى كېلەر يىلنىڭ بېشىدا تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىلگىرى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشىگە رەددىيە بېرىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى تىبەتنى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، تىبەتنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەر بولۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بۇ يىل تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان.

ئالدىنقى ئايدا كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي رېجىمى  تۇتقۇن قىلغان تىبەت كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ تىبەت ئۆسمۈرلىرىنى خىتاي رېجىمى قارمىقىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە سولاپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە تىبەت خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادەت، ئەنئەنىسىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلارغا ۋىزا چەكلىمىسى ئېلان قىلغانىدى ۋە خىتايمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرىگە قارشى بىر قىسىم ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ۋىزا چەكلمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1946 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2023 17:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق