خىتاي جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم شىركەتلىرىنى قۇربان قىلدى

خىتاي رېجىمى ھەربىي سانائەت شىركەتلىرىنىڭ نامىدا تىجارەت قىلغان بىر قىسىم ساختا شىركەتلەرنى پاش قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاللىبۇرۇن ئاشكارا بولغان رۇسىيەنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەش قىلمىشىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي قورال-ياراغ سانائىتى گۇرۇھى 1-سېنتەبىر بىر قىسىم قانۇنسىز كارخانىلارنىڭ قورال-ياراغ سانائىتى گۇرۇھىنىڭ تارماق شىركىتى قىياپىتىگە كىرىۋالغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۆز كارخانىلىرىنى خىتاي قورال-ياراغ سانائىتى گۇرۇھىغا قاراشلىق تارماق شىركەت قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرغانلىقى، تارماق شىركەت نامىدا تىجارەت قىلغانلىقى ۋە ساختا تەشۋىقات تارقاتقانلىقى دەۋا قىلىنغان.

باياناتتا جەمئىي ئالتە شىركەتنىڭ «ساختا شىركەت» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى، خىتاي قورال-ياراغ سانائىتى گۇرۇھىنىڭ بۇ شىركەتلەر بىلەن ھېچقانداق تەۋەلىك ياكى پاي ھوقۇقى مۇناسىۋىتى يوقلۇقى، ھېچقانداق مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىشىش، كەسىپ قاتارلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بارلىق قىلمىشىنىڭ خىتاي قورال-ياراغ سانائىتى گۇرۇھى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ھالبۇكى، خىتايدا ھەرقانداق بىر شىركەت ياكى ئورگاننىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ تەستىقىسىز مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، ساختا ھەربىي شىركەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىماللىقى نۆلگە يېقىن ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي رېجىمى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەسىلىسىدە كۆرۈنۈشتە بىتەرەپ مەيداندا تۇرغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا ئاسترىتتىن ياردەم قىلغان. خىتاينىڭ ئىچىل تۈردە رۇسىيەگە قورال-ياراغ ۋە باشقا ساھەدە قىلغان ياردەملىرى ھەققىدە كۆپلىگەن دوكلاتلار ئېلان قىلىنغان. بۇ سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا نارازىلىقى تېخىمۇ كۈچەيگەن ۋە بۇ ھەقتە خىتاينى جازالاش تەدبىرلىرى ۋە تەكلىپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىدىن تېنىۋېلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم خىتاي كارخانىلىرىنى قۇربان قىلىشنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1975 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2023 17:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق