ئامېرىكا خىتايغا قارشى ماشىنا ئادەم ئارمىيەسى تەييارلىماقتا

ئامېرىكا ئارمىيەسى خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى يىل ئىچىدە مىڭلىغان ئاپتوماتىك قورال سىستېمىسى بىلەن قوراللانغان ماشىنا ئادەم ئارمىيەسى تەييارلاشنى پىلانلىدى.

جۇمھۇرىيەت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كەسلېن ھىكس ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى يىل ئىچىدە مىڭلىغان ئاپتوماتىك قورال سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«Replicator» دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى تۈر مۇداپىئە ۋە باشقا تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئارمىيەنىڭ بارلىق قىسىملىرىغا ئەرزان باھالىق سىستېما ئىشلەپچىقىرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئوخشىمىغان دەرىجىدە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالايدىغان ھەربىي سىستېمىلار يېقىنقى ئون يىلدا تېخىمۇ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئوبزورچىلارنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەڭ يېڭى باياناتى ئۇرۇش قىلىدىغان ماشىنا ئادەملەر دەۋرىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

ھىكس سۆزىدە ئۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ھەققىدە توختىلىپ، «Replicator» پىروگراممىسىدا 18 ئايدىن 24 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا بىردىن كۆپ ساھەدە نەچچە مىڭلىغان ئاپتوماتىك قوراللانغان ماشىنا ئادەملەرنى تەييارلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تەرەققىي قىلغان قوراللىق ماشىنا ئادەملەر قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ۋە ئالەم بوشلۇقىدا خىزمەت قىلالايدىكەن.

مەزكۇر تۈردە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ماشىنا ئادەملەرنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلەردە خەتەر دەرىجىسىنى ۋە تەننەرخنى تېجەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، ئالاقىدار مەسئۇللار بۇ پىروگرامما ئاستىدىكى ماشىنا ئادەملەرنىڭ بىرلا قېتىم ئىشلىتىلىدىغان تەرىقىدە لايىھەلەنمىگەنلىكىنى، ئەمما ئۇلار يىتىپ كەتكەن ياكى زىيانغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا، ئىقتىسادىي زىياننىڭ بەك چوڭ بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

مەزكۇر تۈر خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، چۈنكى خىتايدا ئادەم كۈچىدىن باشقا تېخىمۇ كۆپ تانكا، پاراخوت ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.

«Replicator» پىروگراممىسى تېزلىكتە مىڭلىغان ماشىنا ئادەم ئىشلەپچىقىرىپ، ئامېرىكىنى كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارالغان ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ماشىنا ئادەم ئىشلەپچىقىرىشنى رەسمىي تۈزۈملەشتۈرۈشنى نىشانلاۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ھىكس سۆزىدە يەنە: «بىز خىتاي رەھبەرلىرىنى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ خەۋپىنى ئويلىشىشى ۋە ئۇرۇش مەسىلىسى بىلەن يۈزلەشكەندە ئۇ كۈن بۈگۈن ئەمەس، دېگۈزۈشىمىز كېرەك» دېگەن.

ھىكس پەقەت بۈگۈنلا ئەمەس بەلكى 2027، 2035، 2049 ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردىمۇ مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى مىڭلىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋالىدىغانلىقىنىمۇ بايان قىلىپ: «بىز خىتاي ئارمىيەسى توپىغا ئۆز توپىمىز بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز. ئەمما بىزنىڭكىگە تەييارلىق قىلىش، ئۇنىڭغا زەربە بېرىش ۋە مەغلۇپ قىلىش خىتايغا تەس توختايدۇ» دېگەن.

خەۋەردە بۇ ھەرىكەت بىلەن ئامېرىكا تۇنجى تۈركۈمدە نۇرغۇن ئاپتوماتىك سىستېما بىلەن قوراللانغان ماشىنا ئادەملەرنى ساھەگە چىقارغان تۇنجى دۆلەت بولۇشى مۇمكىنلىكى، ئەمما باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۇنىڭغا يېقىندىن ئەگىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، سۈنئىي ئىدراك ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىشلەپچىقىرىشتا زور كۈچكە ئىگە خىتاي ۋە ئەنگلىيەنىڭمۇ بۇ ساھەدە مۇھىم كاندىدات ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

شۇنداقلا يېقىندا سۈنئىي ئىدراكنىڭ خەتىرىنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن گۇگولدىكى خىزمىتىدىن ئايرىلغان گېفرىي ھىنتون «قورقۇنچلۇق ماشىنا ئادەم ئەسكەرلىرى»نىڭ ئۇرۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ھىنتون نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى كۈندىلىك رادىيو پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ماشىنا ئادەم ئەسكەرلىرىنى ياساشنى خالايدۇ، بۇ ماشىنا ئادەم ئەسكەرلەر بەك قورقۇنچلۇق بولىدۇ» دېگەنىدى.

ماشىنا ئادەم تېخنىكىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سۈنئىي ئىدراك ناھايىتى تېزلا دۇنيانىڭ زامانىۋى ئارمىيەسىگە زور ئەۋزەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ھەربىي خادىملار، ئۇچقۇچىلار ۋە ئىنژېنېرلارنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، دەپ قارالماقتا.

بۇ ساھەدىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار بۆسۈشلەرنىڭ بىرى ئەنگلىيە ئارمىيەسىدە يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، ئەنگلىيە گېنېرالى نىك كارتېر 2030-يىلغىچە ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنىڭ ماشىنا ئادەم بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بىزدە 30 مىڭ ئادەم ماشىنا ئادەم بىلەن بىرلىكتە 120 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىمىز بولىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتىمەن» دېگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى مارك مىللېي مارت ئېيىدىكى باياناتىدا ئۆزىنىڭ 15 يىلدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە، دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم قىسىملىرىنىڭ ماشىنا ئادەم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى ۋە: «ئۇرۇشنىڭ خاراكتېرى دائىم ئۆزگىرىدۇ، بۇ تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا توپلىنىۋاتىدۇ، كەلگۈسى 10 ياكى 15 يىلدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېۋە بېرىدۇ» دېگەنىدى.

ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلاردىن كېيىن، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىمۇ كۆزىنى ماشىنا ئادەم قوراللىرىغا قاراتقان بولۇپ، ب د ت ۋە خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بۇ ساھەدە ئىشلەۋاتقان ئورگانلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

2023-يىلى 15-مايدىن 19-مايغىچە، خەلقئارا سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىچىدىكى ھۆكۈمەت مۇتەخەسسىسلىرى گۇرۇپپىسى ئەجەللىك ئاپتوماتىك قورال سىستېمىسى ھەققىدە ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلارنى باھالىغانىدى ۋە قوراللىق ماشىنا ئادەملەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك، قانۇن، ئەخلاق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كونكرېت ۋە ئەمەلىي بەلگىلىمە لازىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنىدى.

ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى 18-ئىيۇل سۈنئىي ئىدراكنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە ئېلىپ كېلىدىغان يوشۇرۇن خەۋپى توغرىسىدا تۇنجى يىغىن ئاچقان بولۇپ، يىغىندا قوراللىق ماشىنا ئادەملەر مۇھىم بىر تېما بولغانىدى.

ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس ب د ت نىڭ بۇ مەسىلىدە قىلالايدىغان خىزمەتلىرىنى يەكۈنلەش ئۈچۈن، بۇ ئايدا سۈنئىي ئىدراك ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنى تەسىس قىلىشنى پىلانلىماقتىكەن.

گۇتېررېس 7-ئايدىكى سۆزىدە: «ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن يادرو ئۇرۇشى خەۋپى بىلەن تەڭ مەۋجۇتلۇق خەۋپى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى» دېگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2075 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2023 17:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق