خىتايدا ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە باشقا چەت ئەل ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ كۆپىيىشى ئالدىدا ئامالسىز قالغان خىتاي رېجىمى خىتاي پۇقرالىرىنى ھەرىكەتكە چاقىرغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ۋە باشقا تەپسىلاتلار خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
خىتاي يېقىنقى 30 يىلدا ئاسىيا، ئافرىقا ھەتتا ئوتتۇرا شەرقتىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ئافرىقىدىن نۇرغۇن پورتلارنى 50-100 يىلغىچە ئىجارىگە ئالغان خىتاي رېجىمى ئامېرىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارشى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە ۋە رۇسىيە ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلغان مەزگىلدە، ئۆزىنىڭ بىتەرەپلىكىنى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازاسىغا قاتناشمايلا قالماستىن، ئۆتكەن يىلى مارتتا تۇنجى قېتىم موسكۋادا زىيارەتتە بولغان شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ ئاخىرىدا دۇنياغا ئۇچۇر بېرىپ: «100 يىل كۈتۈلگەن ئۆزگىرىش كېلىۋاتىدۇ. بىز بۇ ئۆزگىرىشنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز» دېگەنىدى.
بۇ تەرەققىياتلارنىڭ ھەممىسى يۈز بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايدىن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان بىر چاقىرىق كەلگەن بولۇپ، ئادەتتە ساقچى ۋە ئىستىخبارات دائىرىلىرىنى نازارەت قىلىدىغان مەخپىي تارماق - خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى پۈتكۈل جەمئىيەتنى چەت ئەل ۋە دۆلەت ئىچى جاسۇسلىرىغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.
خىتاينىڭ ئىقتىسادى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ناچار چېكىنىشكە دۇچ كەلمەكتە. ئەمما خىتاينىڭ مۇستەبىت رەھبىرى شى جىنپىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە كوممۇنىست پارتىيەنىڭ كونتروللۇقىغا قارشى تەھدىدلەرنى تۈگىتىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، شى جىنپىڭ 5-ئايدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىدا قىلغان سۆزىدە دائىرىلەرنى «بىز ئەڭ ناچار ئەھۋال ۋە پەۋقۇلئاددە ئەھۋالغا تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك» دېگەنىدى.
7-ئايدا خىتاي رېجىمى جاسۇسلۇق قاتارىغا كىرگۈزگەن پائالىيەتلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى قانۇن بىلەن جاسۇسلارنى دوكلات قىلغانلارغا نەچچە مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن ئايدا خىتايدا ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ تۆت خادىمى تۇتۇلغان. خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق سىياسىتى ئېغىر جىددىيلەشكەن بولۇپ، ھەتتا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى مال دوختۇرلۇق بۆلۈمى قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش كۇرسىغا قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنغان. ھەتتا خىتاينىڭ شەرقىدىكى تيەنجىن شەھىرىدىكى بىر يەسلى خىزمەتچىلىرىگىمۇ جاسۇسلارنى قانداق تونۇش توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان.
خىتاي رېجىمى ھەتتا خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇم تەدبىرلىرى نامىدا يولغا قويغان قاتتىق باستۇرۇش ۋە يولسىزلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىمۇ جاسۇسلارغا دۆڭگەپ قويغان بولۇپ، خىتاينىڭ بىر ئەمەلدارى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر ھەققىدە توختىلىپ: «ھەرىكەتكە قاتناشقانلارنى چەت ئەل كۈچلىرى سېتىۋالغان» دەپ بىلجىرلىغان.
گەرچە خىتاي رېجىمى چەت ئەللىكلەر بىلەن ئالاقە قىلىش توغرىسىدىمۇ ئېنىق كۆرسەتمە بەرمىگەن بولۇپ، چەت ئەلنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ساھەدە يۈز بەرگەن ئىشلار خىتاينىڭ سۆزلەۋاتقىنىنىڭ دەل ئەكسىچە بولماقتا. ئامېرىكا ئىگىدارچىلىقىدىكى مەسلىھەت بېرىش شىركەتلىرى خىتايدا داۋاملىق ساقچىلارنىڭ باستۇرۇپ كىرىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە ۋە بۇ شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر