ئىستانبۇلدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىر يەرگە جەم بولدى

ئىستانبۇلدىكى تۈركىي خەلقلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئىشخانىسىدا جەم بولدى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، تۈركمەن خەلقلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلات، ئۇيۇشما، ۋەقفىلەرنىڭ مەسئۇللىرى 31-ئاۋغۇست خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى ئىشخانىسىدا جەم بولدى.

سۆھبەتكە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى، قازاق تۈركلىرى ۋەقفى، قىرغىز تۈركلىرى كۈلتۈر ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئافغانىستان ئۆزبېك تۈركلىرى كېڭىشى، ئافغانىستان جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسى، ئافغانىستان تۈركمەنلىرى ئىجتىمائىي ياردەم جەمئىيىتى، دۇنيا تۈركمەنلىرى ۋەقفى، ئافغان-تۈرك دوستلۇق كېڭىشى، ئافغانىستان تۈرك كېڭىشى، تۈركىستان ئەللىرى مائارىپ، كۈلتۈر ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، دۇنيا قونغىرات تۈركلىرى جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

سۆھبەت جەريانىدا تۈركىيەدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، ئورتاق پائالىيەت ۋە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، ھەمكارلىق دائىرىسى ۋە كۆلىمىنى تېخىمۇ زورايتىش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

بۇ خەۋەر 7298 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2023 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق