ئامېرىكا ئەمەلدارى رۇسىيە-خىتاي ئىتتىپاقىنى «ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ ئاتىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكېل مىكول رۇسىيە-خىتاي ئىتتىپاقىنى «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ باھالىدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىۋېتسىيە زىيارىتى جەريانىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم بىلەن كۆرۈشكەن مايكېل مىكول خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىتتىپاقلىقىنى باھالىغان.

مىكول شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىننىڭ ئىتتىپاقداشلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ: «بىز ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياۋروپا ۋە تىنچ ئوكيانغا بۇنداق چوڭ تەھدىتنى كۆرمىدۇق» دېيىش ئارقىلىق، بۇ ئىتتىپاقنى ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان چوڭ كۈچ رىقابىتىدىكى ئەركىن دۇنيا ئۈچۈن زور تەھدىت دەپ باھالىغان.

مايكېل مىكول ئۆكتەبىرگە قەدەر شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتنىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىتتىپاقنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ ئۇيۇشچان قۇرۇلمىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2676 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2023 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق