خىتاينىڭ «سۈنئىي ئىدراك سىستېمىسى» شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كەلدى

تېخنىكا دۇنياسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كاتتىباشلارنىڭ بىرى بولغان خىتاي تېخنىكا ماگناتى بەيدۇ تۈنۈگۈن تونۇتقان «ERNIE» سۈنئىي ئىدراك پاراڭلىشىش سىستېمىسى سەزگۈر سوئاللارغا دۇچ كەلدى ۋە خۇددى خىتاي رېجىمىغا ئوخشاشلا بەزى سوئاللارنى چەكلەپ قويدى، بەزىلىرىگە بولسا «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

يېڭى ئاكىت گېزىتىنىڭ 1-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تېخنىكا ماگناتى بەيدۇ تۈنۈگۈن ئامېرىكا «OpenAI» تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ئىدراك پاراڭلىشىش سۇپىسى «ChatGPT» غا ئوخشاپ قالىدىغان «ERNIE» ناملىق سۈنئىي ئىدراك پاراڭلىشىش سىستېمىسىنى رەسمىي تونۇتقان. ئەمما دىققەت قوزغىغان نۇقتا بولسا مەزكۇر سۇپا خىتاي رېجىمى سەزگۈر دەپ قارايدىغان سوئاللارنى بىۋاسىتە چەكلەپ قويغان ياكى «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

خىتاينىڭ رەسمىي قارىشىغا ئاساسەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىدىغان ERNIE خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قانچىلىك ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالنى بىۋاسىتە توسۇپ قويغان؛ خىتاي ئۆزىگە تەۋە دەپ قارايدىغان تەيۋەننىڭ ئورنى ھەققىدە سورالغاندا، ئۇ تەيۋەننىڭ دۆلەت ئەمەسلىكىنى ئېيتقان؛ 1989-يىلى بېيجىڭدا مىڭلىغان نامايىشچىلار ئۆلتۈرۈلگەن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا سورالغاندا، «بىلمەيمەن» دېگەن؛ خوڭكوڭدا خىتايغا قارشى نامايىش توغرىسىدا سورالغاندا، «باشقا تېمىغا ئالماشتۇرۇڭ» دەپ جاۋاب بەرگەن.

خىتاي ئىزدەش ماتورى ۋە سۈنئىي ئىدراك شىركىتى بەيدۇ ئۆزىنىڭ ChatGPT غا ئوخشاش تىل مودېلى Bot ERNIE نى 1-سېنتەبىر خەلققە ئومۇميۈزلۈك ئاچقان بولۇپ، بۇ ئېلاندىن كېيىنلا شىركەتنىڭ پاي باھاسى %3 تىن كۆپرەك ئۆسكەن. بەيدۇنىڭ باياناتىدا ERNIE سىستېمىسىنىڭ ئەپ دېتالى ياكى رەسمىي تور بېكەت ئارقىلىق خەلققە تولۇق ئوچۇق بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنى ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىدىغان مۇھىم ساھە دەپ قاراپ، 2030-يىلىغا بارغاندا دۇنياۋى باشلامچى بولۇشنى نىشان قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2770 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2023 14:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق