خىتاي تېخنىكا ماگناتى بەيدۇ شىركىتى ياساپ چىققان «ERNIE»سۈنئىي ئىدراكلىق پاراڭلىشىش سىستېمىسىنىڭ خۇددى خىتاي رېجىمىدەكلا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشاش سەزگۈر سوئاللارنى بىۋاسىتە چەكلەپ قويۇشى ياكى «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بېرىشى دىققەت قوزغىدى.