دوكلات: خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى»نى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن بىلەن ئىسپاتلانغان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرى يەنىلا شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەت قىلىش مۇلازىمىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 30-ئاۋغۇست «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى: شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقئارالىق ساياھەت پائالىيەتلىرى» سەرلەۋھەلىك يېڭى دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىدىن يەتتىنى نۇقتىلىق تىلغا ئالغان. دوكلاتتا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە ساياھەت قىلىدىغان مۇلازىمەتلەرنى داۋاملىق يولغا قويغانلىقى، بۇ قىلمىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە ساختا تەشۋىقاتىغا ياردەم قىلغانلىق بولىدىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغۇچى ھېنرىك شىجېسكى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەشكىللىك ھالدا شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتكە بېرىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولۇشقا تەۋەككۈل قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان ساياھەت مۇلازىمىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كانادا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ئىككى ساياھەت شىركىتى بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ساياھىتى مۇلازىمىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقئارالىق ساياھەت ئۆمەكلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئالاھىدە تەييارلانغان چەكلىك ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، كۆز بوياپ كەلمەكتە. خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭمۇ ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىشارەت قىلغاندىن سىرت، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتكە كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق پىلانىنىمۇ تەكىتلىگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 2319 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2023 12:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق