شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ تەكشۈرۈلۈشى دىققەت قوزغىماقتا

شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىشىدىن كېيىنلا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ىبىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىق خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ تەكشۈرۈلۈشى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 1-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي-قانۇن كومىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ما گوچياڭنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇندىن باشقا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتى»نىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى ساۋ جىنىڭمۇ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاي رېجىمى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باش جىنايەتچىسى شى جىنپىڭ 26-ئاۋغۇست تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىگە بارغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «مۇقىملىقنى كۈچەيتىش»، «تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش»، «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى تۈزەش» قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەپ ئىجرا قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغانىدى. ئۇنىڭ زىيارىتىدىن كېيىنلا بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى دىققەت قوزغىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 8062 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2023 11:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق