خىتايدا شەرقىي جەنۇبى دېڭىز قىرغىقىغا يېقىنلاشقان سائولا تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.
خىتاي مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا: «تەيفېڭ بورىنى خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 295 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، غەربىي شىمالغا يۆتكىلىپ، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە گۇاڭدۇڭ ۋە فۇجيەن ئۆلكىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېيىلگەن.
شامال سۈرئىتى سائىتىگە 209 كىلومېتىرغا يېتىدىغان 4-دەرىجىلىك دەرىجىدىن تاشقىرى تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن «قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش» تارقىتىلغان.
مۆلچەرلىنىشىچە، تەيفېڭ بورىنى ئەڭ كېيىن بولغاندا ئەتە ئاخشام گۇاڭدۇڭنىڭ خۇيلەي شەھىرى بىلەن خوڭكوڭ ئوتتۇرىسىدىكى رايونغا يېتىپ بارىدىكەن ۋە قاتتىق بوران ۋە يامغۇر ياغىدىكەن.
تەيفېڭ بورىنىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەر ئوقۇش يىلىنىڭ ئېچىلىشىنى كېچىكتۈرگەن، باغچە، مۇزېي ۋە ساھىللار تاقالغان. خىتاي تۆمۈر يول شىركىتى گۇاڭدۇڭ ۋە فۇجيەنگە بارىدىغان كۆپلىگەن پويىزنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
فۇجىيەن ئۆلكىسىدە ئارال ۋە دېڭىز بويى ساياھىتى قىلىدىغان كۆڭۈل ئېچىش كېمىلىرىنىڭ پائالىيىتى توختىتىلدى.
«قىزىل» خىتاينىڭ 4 باسقۇچلۇق بوراندىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن «ئاپېلسىن»، «سېرىق» ۋە «كۆك» قاتارلىقلار كېلىدۇ.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر