خىتاي ئامېرىكىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي رېجىمى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ تىبەت ئۆسمۈرلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىگە قارشى يولغا قويغان چەكلىمىگە جاۋابەن ۋىزا چەكلىمىسىنى قوللىنىدىغانلىقىنى، بۇ تەدبىرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېنىق ئارىلىشىش ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ قارارنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي باياناتچى ۋاڭ ۋىنبىن ھەر دائىمقىدەك ئۆزىنى ئاقلاپ، «ئامېرىكا پاكىتنى نەزەردىن ساقىت قىلدى»، «تىبەت ھەققىدە پەيدا بولغان يالغانچىلىقنى ئاساس قىلدى»، «بۇ مەسىلىدە خىتايغا تۆھمەت چاپلاش ئۈچۈن ئۆسەك سۆز تارقاتتى» دەپ بىلجىرلىغان ۋە ئۇزۇندىن بۇيان تىبەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئارىلاشقان بىر قىسىم ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 22-ئاۋغۇست تىبەتتىكى بىر مىليونغا يېقىن ئۆسمۈرنىڭ ياتاقلىق دۆلەت مەكتەپلىرىدە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشىدا رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاشكارىلىماستىن ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ تىبەتتىكى بىر مىليونغا يېقىن ئۆسمۈرنى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن مەجبۇرى ئايرىپ، ياتاقلىق دۆلەت مەكتەپلىرىدە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ب د ت ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى ئالاھىدە دوكلاتچىسى فېرناند دې ۋارېننېس ، ب د ت نىڭ مائارىپ ھوقۇقى ئالاھىدە دوكلاتچىسى فەرىدە شەھىد ۋە ب د ت مەدەنىيەت ھوقۇقى دوكلاتچىسى ئالېكساندرا شانتاكى 6-فېۋرالدىكى دوكلاتىدا، تىبەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپتا تىبەت تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە يېتەرلىك ئورۇن بەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تىبەت بالىلىرى ئۆزىنىڭ مىللىي تىلىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىدىن ئايرىلماقتا، ئۇلار ئاتا-ئانىسى ۋە بوۋا-مومىلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمايدۇ. بۇ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشى ۋە كىملىكنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەنىدى.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ سىياسەتلەرنىڭ تىبەت خەلقىنىڭ مائارىپ، تىل ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىغا، ئۇلارنىڭ دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە ئىرقىي كەمسىتىشنى چەكلەش پىرىنسىپىغا زىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «تىبەت كىملىكىنى مەجبۇرىي ھالدا كۆپ سانلىق خىتايلارنىڭ مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بۇ سىياسەتلەردىن ئەندىشە ئىچىدىمىز» دېگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2285 قېتىم كۆرۈلدى
01/09/2023 15:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق