ھىندونېزىيەدە ئالدامچىلىق قىلغان يۈزگە يېقىن خىتاي قولغا ئېلىندى

ھىندونېزىيە ساقچىلىرى تېلېفون ۋە تور ئارقىلىق چېگرا ھالقىغان «مۇھەببەت ئالدامچىلىقى» سەۋەبىدىن 88 خىتاي پۇقراسىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ت ر ت نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالاقىدار تارماقلار خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن كېيىن، بەش ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 88 جىنايەت گۇماندارىنىڭ باتام ئارىلىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ساقچى باياناتچىسى تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ تېلېفون ۋە توردا مۇھەببەت ئالدامچىلىقى قىلىدىغان بىر شايكىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇلارنىڭ كۆپىنچە نىشانلىرى «ھېسسىيات قارمىقى»غا ئىلىنغاندىن كېيىن، پۇل ئۈندۈرۈلۈش ئۈچۈن ئالدانغان خىتايلار ئىكەن.

مەزكۇر خىتايلارنىڭ يانۋاردىن باشلاپ ھىندونېزىيەگە ئۈچ ئايلىق ساياھەت ۋىزىسى ئىشلىتىپ كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر خىتايلارنىڭ جىنايەت ئۇۋىسى خىتايدا بىتچىت قىلىنغاندىن كېيىن، ھىندونېزىيەدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان.

دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بۇ جىنايەت شايكىسىنىڭ يىل بېشىدىن باشلاپ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە خىتايدا يۈزلىگەن كىشىنى قاپقانغا دەسسەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىق بىلەن قانچىلىك پۇل توپلىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

نۆۋەتتە تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، قولغا ئېلىنغان خىتايلارنى ھىندونېزىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش پىلانلانماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1635 قېتىم كۆرۈلدى
01/09/2023 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق